مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1651 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ۋە سۈيدۈك يولىدا ئالاھىدە بىر خىل ياللۇغلىنىش بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاغرىش، ئېچىشىش بولغاندىن سىرت يىرىڭلىق سۇيۇقلۇقلار چىقىپ تۇرىدۇ.

سەۋەبى:

جىنسىي سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى ياكى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆتكۈرلۈشىشى، بەزىلەردە ئەردىن ئايالغا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇملىنىشتىن تاشقىرى بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا جىنسىي يول ۋە سۈيدۈك يولىدا ياللۇغلىنىش كۈچىيىدۇ. تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ، دىلچىققىچە كېڭىيدۇ. ئىچكى تەرەپتىن بالىياتقۇغىچە يېتىپ بارىدۇ. بەزىلىرى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە ئۇرۇقدانغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر بۇ كېسەل جىنسىي يول سىرتقى قىسمىدا چېگرىلانسا بۇ ۋاقىتتا نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تەسىرى جىنسىي يولنىڭ ئىچكى قىسمىدا بالىياتقۇغىچە يېتىپ بارسا ھەمىشە ئېچىشىش ۋە كۆپۈشۈش ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ، ئاغرىش ۋە بىئاراملىق بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. كۆپىنچە ئاغرىقنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن قىزىتما بولىدۇ، جىنسىي يول ۋە سۈيدۈك يولىدىن يىرىڭ ئارىلاش ھۆللۈك چىقىپ تۇرىدۇ، چات بېزى ئىششىيدۇ. ئەگەر كېسەل يەڭگىل بولسا، سوزۇلما دەۋرگە قەدەم تاشلىغان بولسا، ئۇنىڭدا قاتتىق ئاغرىش بولمايدۇ، پەقەت سىيگەندىن كېيىن ئېچىشىش سېزىمى بولىدۇ. ئاق ھۆللۈك يىرىڭ بىلەن جىنسىي يولدىن چىقىپ تۇرىدۇ. جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئىچكى پەردىسى قىزىرىدۇ. بۇنداق ھالەت قۇرۇق سىزلام دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر كېسەل ئۆتكۈر بولسا كېسەلنى ياتاقلاشتۇرۇپ، پوستى خەشخاش قاينىتىلمىسى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ۋە كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى بېرىش، قىچا، قارىمۇچ، لازا، سۈت، پولۇ، گۆش، تۇزلۇق يېمەكلىكلەر ۋە ئىسسىق دورىلاردىن پەرھىز قىلىش لازىم.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.