مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1486 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىياتقۇنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردە ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى:

بالا چۈشۈپ كېتىش ياكى بالىياتقۇ ئاجىزلاپ قېلىش، ھەيز كۈنلىرىدە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ھەيز توختاپ بالىياتقۇ يىغىلىپ قېلىش ياكى سىزلام، سىبلىس زەھەرلىك ماددىنىڭ كېسەل تېنىدە بولۇشى، تۇخۇمدان ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن بالىياتقۇ ياكى تۇخۇمداندا ئۆسمە شەكىللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

بۇ كېسەل ئۈچ خىل ھالەتتە كۆرۈلىدۇ.

1.بالىياتقۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزالارغا چاپلىشىپ قالىدۇ.

2. بالىياتقۇ پەردىلىرىدە ئوفۇنەتلەنگەن ماددا يىغىلىپ قالىدۇ.

3. بالىياتقۇ پەردىلىرىدە يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

ئەگەر كېسەل ئۆتكۈر بولسا تىترەتكۈچى قىزىتما بولىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ ۋە كۆپ قۇسىدۇ، ئەۋرەت قىسمىدا قاتتىق ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ. بېسىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش كۈچىيىدۇ. كېسەل داۋاملىق پۇتىنى يىغىپ ياتىدۇ، پۇتىنى سۇنسا ئاغرىق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق، ئىشتىھا كەم، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولىدۇ، قورسىقى كۆپۈپ قالىدۇ (يەرلىك ئورۇندىن قان سىزىپ چىقىپ داس بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالغاچقا، ئەۋرەت قىسمى كۆپۈپ قالغان بولىدۇ)، ئەگەر بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى ئەزالار بىلەن چاپلىشىپ قالغان بولسا كېسەل ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

كالا گۆشى، لازا، تۇخۇم قاتارلىق يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىدۇ.

 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.