مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنى  كۆرۈلىشى: 7880 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئاياللار سۆزنىكى سۆزنەك باكتېرىيىسى تەرىپىدىن يۇقىدىغان، جىنسىي يول ۋە سۈيدۈك يولىدا ئېچىشىش، سىيگەندە كۆيۈشۈپ ئاغرىش، شىللىق پەردىلەر شەلۋەرەپ ياللۇغلىنىش، ياللۇغ ئىچكى جىنسىي ئەزالارغا تاراپ، باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: بۇ خىل كېسەللىكنى سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ، بۇ باكتېرىيە كېسەل ئەرلەردىن ساق ئاياللارغا ياكى كېسەل ئاياللاردىن ئەرلەرگە غەيرىي نورمال جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ ھەمدە كېسەل ئاياللار كىيگەن ئىشتاننى ساق ئاياللار كىيىش، كېسەل ئاياللار ئىشلەتكەن لۆڭگىنى بىللە ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن يۇقىدۇ. 

ئالامىتى: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاياللار سۆزنىكى: ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ ئىچكى قىسمى ئۆزىگە خاس بىر خىل خۇسۇسىيەتتە قىزىرىپ كېتىدۇ، يىرىڭ كېلىدۇ، سىيگەندە كۆيۈپ ئېچىشىدۇ، سۈيدۈك يولى شىللىق پەردىلىرى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، جىنسىي يول تولۇپ كۆپۈشكەندەك بىلىنىدۇ، ئەگەر كېسەللىك بالىياتقۇ بوينىغا تارقالغان بولسا بالىياتقۇ شىللىق پەردىلرىگە قان تولۇپ بەل قاتتىق ئاغرىيدۇ، جىنسىي يولدىن قانلىق يىرىڭ كېلىدۇ، بىمار توڭلاپ تىترەيدۇ، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ھەر خىل دەرىجىدە قىزىتما  يۈز بېرىدۇ. 

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاياللارنىڭ سۆزنىكى: سۆزنەك كېسەللىكى بىمارلىرى داۋالىنىپ تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، قايتا يەنە يېنىك يۇقۇملانغاندا ياكى مىزاجى سوشۇققا مايىللىشىپ بەدىنىگە قاتتىق سۇغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە، سوزۇلما خاراكتېرلىك سۆزنەك قايتا قوزغىلىپ، جىنسىي يولى بىلەن سۈيدۈك يولىدىن يىرىڭ كېلىدۇ، سەل ئېچىشىدۇ، سىيگەندە ئاغرىش، بېلىدە ئاغرىش بولىدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ سيىشى قىيىنلىشىدۇ، سۈيدۈكى ئاز-ئاز ئېچىشتۇرۇپ كېلىدۇ. ئەگەر كېسەللىك تۇخۇمدانغا ۋە ئۇنىڭ تۇخۇم ئۆتكۈزۈش قاناللىرىغا تارىغان بولسا، بۇ ئورۇنلاردا چاپلىشىش ۋە توسۇلۇشنى پەيدا قىلىپ، مەزكۇر ئايالدا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان تازىلاش، ئېچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا:   1-رېتسىپ: يەرلىك شوخلا مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىپ چاناپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئېچىشىشنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە. كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتېردىن ئىچىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: قۇرسى شاھتەررە، كاكىنەچ شەربىتى، شوخلا شەربىتى، قۇرسى كاكىنەچ، قۇرسى تاباشىر، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاكىنەچ قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: زىيادە غىدىقلىغۇچى مۇچ، ئاچچىقسۇ، قوغۇن، ياڭيۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي ئالاقىدىن پەرھىز قىلىنىدۇ. سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، لەتىف غىزالار ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.