مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1063 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كېسەلدە قورساقنىڭ ئىچكى پەردىسى مەلۇم بىر ئورۇندىن يېرىلىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يېرىلغان جايدىن ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمى سىرتقا چىقىۋالىدۇ. بۇ كېسەل كۆپرەك ئەرلەردە كۆرۈلىدۇ.

سەۋەبى:

قورساق دىۋارىنىڭ ئاجىزلىقى، يەرلىك ئورۇنغا ھۆللۈكنىڭ تەسىر قىلىشى، قورساق بوشلۇقىنىڭ ئاجىزلىقى، دائىم كۈچەپ يۆتىلىش ۋە قەۋزىيەت، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، قاتتىق كۈچەش، كەمەرنى قاتتىق باشلاش، ھاجەت ۋاقتىدا قاتتىق ئىنجىقلاش، قاتتىق توۋلاش، قورساق ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەر، ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقى بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

ئالامىتى:

جىنسىي ئەزانىڭ لېۋى ياكى يېرىقتا كۆتۈرۈلۈشى مەلۇم بولىدۇ. باسسا ئۈستىگە چىقىپ كېتىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن كۆرىلىدىغان ئاۋاز چىقىدۇ. كېسەل ئايال بالىياتقۇم چىقىپ كەتكىلى قوپتى دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇ غەىرىي كۆتۈرۈلۈش كۆپىنچە ئۆرە تۇرغاندا، مېڭىش-تۇرۇشتا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرىدۇ. ياتقاندا يوقىلىپ كېتىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

كالا گۆشى ئاز ئىستېمال قىلىنىدۇ. قوي گۆشى دۈمبىسى بىلەن شويلا ئاش قىلىپ بېرىلىدۇ.

يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن ۋە ئېغىر ھەرىكەتلەردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.