بۇ جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ شەلۋەرەپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
بۇ ئاساسلىقى ئات مىنىش، ئۇرۇلۇش-سوقۇلۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە قىيىن تۇغۇت قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ماڭغاندا، تۇرغاندا، ئولتۇرغاندا يەرلىك ئورۇن ئاغرىيدۇ، ئېچىشىدۇ. ئەگەر زەخمە چوڭراق بولسا ئىككى لەۋ ئۆزئارا چاپلىشىپ قالىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىش ھەمدە چاپلىشىپ قالغان بولسا ئايرىۋېتىش بىلەن بىرگە يەرلىك ئورۇننى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش ھەمدە ئۇپا سېپىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، ھوردا پىشۇرۇلغان نان ۋە تۇخۇم قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.