سىل تاياقچە جاراسىمىنىڭ ئورگانىزىمغا جۈملىدىن داس بوشلۇقىغا ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بىرخىل ياللۇغ رېئاكسىيىسىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
1. يۇقۇملىنىش يوللىرى.
1) قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بۇ ئاساسلىق يۇقۇملىنىش شەكلى.
2) قورساق بوشلۇقىدىكى خوشنا ئەزالارغا بىۋاستە تارقىلىدۇ.
3) كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئۆزىدە بولسا تۆۋەنگە قاراپ يۇقۇملىنىش شەكلى بىلەن تارقىلىدۇ.
2. كېسەل بولۇش مېخانىزىمى.
1) تۇخۇم توشۇش نەيچە سىلى: بۇ جىنسىي ئەزا سىلىنىڭ %95-85 نى ئىگەللەيدۇ. كۆپىنچە بىرلەمچى كېسەللىك ئۇچىقى ئۆپكە بولۇپ قان ئايلىنىش ئارلىق تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ تارقىلىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) بالىياتقۇ ئىچكى پەردە سىلى: ئومۇمەن تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سىلى ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
3) بالىياتقۇ بوينى سىلى: بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن تارىلىپ بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسىدە چەكلىنىدۇ.
4) تۇخۇمدان سىلى: بۇ ئاز ئۇچرايدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سىلىدىن تارقىلىپ كەلگەن بولىدۇ.
5) داس بوشلۇقى قورساق پەردە سىلى: بۇ كۆپىنچە تۇخۇم توشۇش سىلى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
ئالامىتى: بەزىلەردە روشەن ئىپادە كۆرۈلمەيدۇ، بەزىلەردە ئېغىر بولىدۇ، تۇغماسلىق كۆرۈلىدۇ. ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ. دەسلەپتە ھەيز كۆپىيىپ كېيىن ئازىيىپ، ھەتتا كەلمەيدۇ. قورساقنىڭ تۆەنكى قىسمى ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ. يىرىڭغا ئوخشاش سېسىق پۇراقلىق ئاقخۇن كېلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىپ، ئوزۇقلۇققا شورپا، گۈلقەنتنى كۆپرەك بېرىش لازىم. دورىلاردىن سىل جاراسىمىنى ئۆلتۈرىدىغان دورىلار بېرىلىدۇ، ئېغىر بولسا دەستىكار ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
دورا بىلەن ساقايمىسا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ بالىياتقۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرىنى ئېلىۋېتىلىدۇ ھەم يەللىك تاماقلاردىن ۋە قۇۋۋەتسىز، سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.