بۇ جىنسىي يولنىڭ كېڭىيىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئەرنىڭ ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىدۇ.
سەۋەبى:
بۇ ئاساسلىقى ھۆللۈكنىڭ كۆپلۈكى، كۆپ تۇغۇش، جىنسىي ئەزانىڭ بوشىشىپ كېتىشى، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي يول كېڭىيىپ كەتسە جىنسىي مۇناسىۋەتتە دېگەندەك لەززەت ھاسىل بولمايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
ئەگەر ھۆللۈكنىڭ كۆپلۈكىدىن بولسا قۇرۇتقۇچى دورىلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. باشقا سەۋەبتىن بولسا سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.