بۇ بالىياتقۇ يىرىڭداپ ئېغىز ئېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
ئاساسلىقى بالىياتقۇ ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ قاتتىقلىشىشنىڭ كونىراپ قالغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بالىياتقۇ ئىششىق بولۇپ، قاتتىق سانجىلىپ ئاغرىيدۇ. بۇ خىل سانجىلىپ ئاغرىش بەل ۋە يۇتىغا قەدەر تارقايدۇ، قىزىتما بولىدۇ، يىرىڭلىق خالتىلىق ئىششىق بار ئورۇندا سانجىق بولىدۇ. بەزىدە تىترەتكۈچى قىزىتما بىللە بولىدۇ. ئىچى سۈرۈش ۋە سۈيدۈكنىڭ كۆپ كېلىشى بىلەن ئاراملىق سېزىمى بولىدۇ. خالتىلىق ئىششىق پىشىپ يېرىلىپ ئىششىشقا باشلىسا، قىزىتما پەسىيىدۇ، سانجىق يوقالمايدۇ، بەدەندە تىترەش پەيدا بولىدۇ، يىرىڭلىق ماددىلار چىقىدۇ. ئىششىق ئەگەر بالىياتقۇ ئېغىزىدا بولسا ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ، تېگىدە بولسا كۆرگىلى بولمايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
ئىششىقنى ئېغىز ئالدۇرۇش ۋە يىرىڭنى تازىلاش، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غىزاسىغا نۇقۇت ۋە ماش قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇسلۇق تاماق، قىيمىلىق تاماق ۋە لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.