مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3834 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ھەممىسىنى قاپلىغان بىرخىل سەپراۋىي ئىششىق كېسىلىدىن ئىبارەت. بالىياتقۇ راكى ئاساسەن 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ياشلاردا ئاز ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى:

بالىياتقۇ راكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى تازا ئېنىق ئەمەس. سەۋدا ماددىسىنىڭ ياكى سەپرا ئارىلاشقان بەلغەم ماددىسىنىڭ كۆپۈيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىياتقۇ ياللۇغلىرىنىڭ ۋە جاراھەتلەرنىڭ ۋاقتىدا ساقايماستىن ئۇزۇنغا سۇزۇلۇشى بىلەن راكقا ئايلىنىپ قېلىشمۇ مۇمكىن.

ئالامىتى:

دەسلەپتە يۇشۇرۇن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارا بولۇش ۋاقتى كۆپىنچە ئالامەتلەردىن كېيىن بىلىنىدۇ. دەسلەپتە كىچىك ئۇرۇقچىدەك چوڭلۇقتا قاتتىق يۇمىلاق مۇنەكچە ھاسىل بولۇپ تەدرىجىي چوڭىيىدۇ.

بالىياتقۇ راكىنىڭ ئاساسىي ئالامەتلىرى بىرىنچىدىن ھەيز كەلگەندە دەۋردىن كېيىن جىنسىي يولدىن خۇن كېلىشتىن ئىبارەت، بۇ ئەھۋالغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن جىنسىي يولدىن سۇ كېلىش، ئەگەر راك ئۆسمىسى زىدىلەنگەن بولسا ناھايىتى سېسىق زەرداپ سۇ كېلىدۇ. لېكىن بالىياتقۇ بوينى سەرتانىدەك سېسىق بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن ئاغرىش بالدۇر باشلىنىدۇ، بۇ بالىياتقۇ قىسقارغانلىقتىن بولىدۇ. ئاخىرقى دەرۋردىكى ئاغرىش راك ئۆسمىسى، قوشقۇچى توقۇلمىلار ۋە ئەسەبلەرگە يامرىغانلىق نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

راك ھارارىتى كۈچەيگەنسېرى راك (قىسقۇچپاقا) نىڭ پوستىغا ئوخشاش قارا-كۆك تومۇرلار پەيدا بولىدۇ. ئوت يالقۇنغا ئوخشاش داۋاملىق يالۇنداپ كۈيۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر راك ئۆسمىسى جاراھەتلەنسە جاراھەتلەنگەن جاينىڭ ئېغىزى قىزىل ياكى كۆك بولۇپ ئۆرۈلۈپ چىقىپ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرىدۇ، سېسىق زەرداپ سۇ ئېىقپ تۇرىدۇ، كۆيگەندەك قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىش بىلەن ئۆتىدۇ.

كېسەل قاتتىق ئېغىرلاشقاندا دوۋسۇن ئۈستى توققۇز كۆز ئەتراپلىرى قاتتىق ئىچىشىپ سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، قورساقنى بېسىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش كۈچىيىدۇ، يۈرەك ئاجىزلىشىپ بېشى قاتتىق ئاغرىيدىغان ھەتتا كۆزىنىمۇ ئاچالمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. داۋاملىق قان ئارىلاش كۆك سۇ مېڭىپ تۇرغانلىقتىن قان ئازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاجىزلاپ كېسەل تېز ئورۇقلايدۇ، قىزىتمىسى ئۆرلەيدۇ. بالىياتقۇ راكىدىكى ئۆسمە چوڭ ئۈچەينى باسقانلىقتىن چوڭ تەرەت يوللىرىدا مەقئەت چىڭقىلىش، تەرەت كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈكلۈكنى قىسىپ قويغانلىقتىن سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىدىغان ئېچىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، پۇتىنىڭ دۈمبىسىدە ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

دورا ئىچكۈزۈپ داۋالاش لازىم، ئەگەر راك كېسىلى باشلىنىشىدىلا تونۇلسا، راك پەيدا بولغان ئورۇندىن قان ئېلىش، بۇنىڭغا شەرت-شارائىت بولمىسا، ھەيزنى راۋان قىلىشقا چارە قىلىش لازىم.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ھۆل قاپاقتا ئاش ئىتىپ يىگۈزۈش، ئارپا سۈيى، يېڭى بېلىق ۋە يىلىتقان تۇخۇم سېرىقىغا ئوخشاش بەدەننى كۈچەيتىپ، ياخشى قان پەيدا قىلىدىغان تاماقلارنى بېرىش كېرەك.  نوقۇت، پىدىگەن (چەيزە)، كالا گۆشى، شاراب قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.