بۇ بالىياتقۇدا يارا پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما كېسەللىك بولۇپ، ئاساسەن ياش، ئوتتۇرا ياش، ھەم ياشانغان ئاياللاردا، ئاز تۇغقان ئاياللارغا قارىغان كۆپ تۇغقان ئاياللاردا، شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى:
كېسەللىك ئاساسەن ئىچكى سەۋەب ۋە تاشقى سەۋەبلەرنىڭ غەيرىي تەبىئىي تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.
تاشقى سەۋەبلەردىن-ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، بەل ياكى كىندىك ئەتراپىغا قاتتىق بىر نەرسە تېگىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبى بىلەن بالىياتقۇنىڭ تومۇرلىرى يېرىلىپ، پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كۆپىنچە جاراھەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى كىيىملەرنىڭ تازىلىقىغا رىئايە قىلمىغاندىمۇ بۇ كېسەل پەيدا بولىدۇ.
ئىچكى سەۋەبلەردىن-قىيىن تۇغۇت، قاتتىق تولغاق تۇتۇش، ئۆلۈك بالىنى چۈشۈرۈش ۋە تارتىپ ئېلىش، بالا ھەمرىيىنى تارتىپ ئېلىش، بالىياتقۇ كۆپ قىردۇرۇش، كۆپلەپ بالا تاشلاش، نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشكە ئوخشاش ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن بالىياتقۇ قان تومۇرلىرىدا يېرىلىش، پەردىلىرىدە يىرتىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ كونىراپ تەدرىجىي يارىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بالىياتقۇدىكى كونا ياللۇغلىنىشلار ۋە مۇدۇر چاقىلار ئۆز ۋاقتىدا ساقايمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېغىز ئېلىپ، بالىياتقۇ يىرىڭلىق جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىياتقۇ جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كېسەلنىڭ باشلىنىشىدا تىپىك بولغان بەلگىلەر ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. قىسمەنلەردە ئازراق قان كېلىش، بەل توققۇز كۆز ساھەسى ئازراق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدىن ئاشقاندا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
1. جىنسىي يولدىن قان كېلىش: جاراھەت يالغۇز بولسا قان يالغۇز كېلىدۇ. جاراھەت ئېغىرلاشقانسېرى قان ئارىلاش كېلىدۇ.
2. ئاق خۇن كۆپىيىش: كۆپىنچە گۆش يۇغان سۇغا ئوخشاش ياكى دۇغسىمان كۆكۈش، سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، كېسەللىك ئەڭ ئېغىرلاشقاندا كۆكۈش سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن مىقدارى كۆپىيىدۇ. قىسمەنلەردە ئاق، قويۇق پۇراقسىز ئاق خۇن كېلىشمۇ مۇمكىن.
3. ئاغرىش: بەل توققۇز كۆز قىسمى ئاغرىيدۇ، دوۋسۇن چىڭقىلىدۇ ۋە كىندىك ئاستى ئاغرىيدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
ياللۇغ قايتۇرۇپ، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
يېمەك-ئىچمىكىگە ئاسان سىڭىدىغان نۇقۇت، ماش قاتارلىقلار قوشۇپ بېرىلىدۇ. يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن، لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.