مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1023 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كېسەل ئاياللار سۈيدۈك يولى ئەتراپىدا كىچىك-كىچىك ئۆسمە ئىنچىكە باغلار ئارقىلىق سىرتقى تەرەپكە ساڭگىلاپ تۇرۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسمىلەر پەردە بىلەن ئورالغان ھالەتتە بولىدۇ.

سەۋەبى:

سىبلىس جاراسىمى ياكى قاندا غەيرى تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا ماددىسىنىڭ غالىپ بولۇشى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى؛

جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنى يېرىپ قارىغاندا، بۇ ئۆسمىلەر ئېنىق كۆرۈنىدۇ، سىيگەندە ئاغرىيدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

سىرتقى جىنسىي ئەزا ئۆسمىسىنى داۋالاش بىلەن ئوخشاش داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدا پايدىسى بولمىسا ئۆسمىنى كېسىۋېتىش ھەمدە كېسىۋەتكەن ئورۇنغا مەدەستاننى سېپىش ياخشى  ئۈنۈم بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، نۇقۇت، قىيماسلىق تاماق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى، يەللىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.