مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2610 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ھەيز توختاش يېشىغا بارماستىن ھەيز توختاپ قېلىش  كېسەللىكىدىن ئىبارەت. بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ئاياللار سالامەتلىكىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. سەۋەبلىرىگە ئاساسەن بۇ كېسەل بىر قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ.

سەۋەبى ۋە ئالامىتى:

1. بۇرۇن كۆپ قان كەتكەن، ئىچى سۈرگەن ۋە كۆپ مىقداردا قان ئالغانلىق تارىخى بولىدۇ، ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئاچ قېلىش ۋە ئوزۇقلىنىش ناچارلىقلىرىمۇ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى: چىرايى سېرىق، ئۆزى ئورۇق ۋە زەئىپ بولىدۇ.

2. قان قۇيۇقلىشىپ قېلىش ياكى قويۇق خىلىتلارنىڭ قانغا قوشۇلۇپ قېلىشتىن ھەيز كەلمەيدۇ.

ئالامىتى: بەدەنلىرى ئاق ۋە سۇس بولىدۇ . كۆكىرىپ تۇرغان تۇمۇرلار بەدەندىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. سۈيدۈك كۆپ، ھەزىمى ناچار بولۇپ، تەرىتىدىن بەلغەمدەك نەرسىلەر كېلىدۇ، كۆپ ئۇخلايدۇ. ھەيز كەلسە خۇددىي ئۆپكىنى قانسىراتقان سۇدەك قىزىل كېلىدۇ.

3. بالىياتقۇ تومۇرلىرىنىڭ قېتىپ قېلىشىدىن ھەيز كەلمەيدۇ.

ئالامىتى: تومۇر ھەرىكىتى ئاجىز، بەدەن رەڭگى ئاق بولىدۇ.  ئومۇمىي بەدەندە ئېغىرلىق ۋە روھىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش، بالا كۆپ چۈشۈپ كېتىش، ئېگىز يەردىن سەكرەش، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ ئەسلىگە كەلمەستىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى: ئالدى بىلەن بەل ۋە مەقئەت چىڭقىلىش، تېلىش ۋە ئاغرىشقا ئوخشاش سېزىملار تەدرىجىي ھالدا ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. جىنسىي يولدا بالىياتقۇ چىڭقىلىش سېزىلىدۇ، كېيىنچە روشەن ھالدا سىرتقا چىقىدۇ. ھەرىكەتكە دەخلى قىلىدۇ، ئىشتانغا سۈركىلىدۇ، يارا ھاسىل  قىلىدۇ، كېسەل بەك ئازاب چېكىدۇ، يەرلىك ئورۇن شەلۋەرەپ تۇرىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

تۇخۇم سېرىقىنى چالا پۇشۇرۇپ بېرىش، توخۇ، پاقلان گۆشى ۋە ياغلىق شورپا، سۈت، نوقۇت ئېشى، شېكەرلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە كۆپرەك دەم ئېلىش، ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى يېيىش، ئۇخلاش، مۇنچا ۋە ئابىزەنگە كىرىش بىلەن بەدەننى كۈچەيتىش لازىم.

قېتىق، تاۋۇز قاتارلىق سوغۇق ۋە بۇسلۇق تاماق، كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.