بۇ ئەمچەك شورىغىچىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆسۈش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپىنچە جىنسىي ئەزادا پەيدا بولىدۇ.
سەۋەبى:
ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەيدا بولىدۇ ۋە يۇقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزا ئۇچلۇق ھۆل سۆگىلى چوڭ-كىچىك جىنسىي لەۋ، جىنسىي يول ئېغىزى ئەتراپى قاتارلىق ئورۇنلاردا چېچەككە ئوخشاش شورىغىچىسىمان ئۆسمە پولتىيىپ چىقىدۇ. كىچىكلىرى يىڭنە ئۇچىچىلىك ، چوڭلىرى پۇرچاقچىلىك بولۇپ، يۈزى ئېگىز-پەس تەكشى بولمايدۇ، نەملەشكەنلىكتىن يۇمشاق ئوڭايلا شەلۋەرەيدۇ، سۇ چىقىپ تۇرىدۇ، سۆزنەكتە قانايدۇ. كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاغرىمايدۇ ۋە قىچىشمايدۇ، چوڭايغاندىن كېيىن سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ، ئىككىلەمچى يۇقۇملانغاندا ياكى يارىلانغاندا ئاغرىيدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
قان ئېلىنىدۇ ۋە سەۋدانىڭ سۈرگۈسى بېرىلىدۇ. قان تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، سىرتتىن ئارتۇق گۆشلەرنى يىگۈزۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان سىڭىشلىك تاماقلار بېرىلىدۇ.
كالا گۆشى، تۇخۇم پوشكىلى، لازا-ئاچچىقسۇ قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.