بۇ بىر خىل تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
جىنسىي يول تۈكلۈك تامچە قۇرتتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقۇش يولى:
1. بىۋاسىتە يۇقۇش: جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن جىنسىي يولغا بىۋاسىتە يۇقىدۇ ياكى كېسەل بولغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ تاھارىتى ۋە سۈيدۈكىدىن بىۋاسىتە يۇقىدۇ.
2. ۋاستىلىك يۇقۇش: كېسەل بولغۇچى بىلەن ئېلىپ يۈرگەن تامچە قۇرت ئارقىلىق، مۇنچا، يۇيۇش ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار بۇلغىنىدۇ. شۇڭا ۋاستىلىق يۇقۇش تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ يۇقىشىدىكى ئاساسلىق شەكىل بولۇشى مۇمكىن.
ئالامىتى:
ئاق خۇن كۆپىيىپ، رەڭگى كۈلرەڭ سارغۇچ ياكى كۈلرەڭ كۆك كۆپۈك بولۇپ سۇيۇق، سېسىق پۇراقلىق، بەزىدە قىزغۇچ بولىدۇ، ئارىلاشما يۇقۇملانغاندا يىرىڭلىق بولىدۇ. ئاق خۇن كۆپەيگەندە تاشقى جىنسىي ئەزاغا ئېقىپ چىقىپ، تېرىنى غىدىقلاپ، تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چۈمۈلە ماڭغاندەك بولۇپ تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ، بەزىلەردە تۇغماسلىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ. چۈنكى تامچە قۇرت ئۇرۇقىنى يۇتۇپ كېتىپ ھامىلدارلىق بولماسلىق مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي يولىنى تەكشۈرگەندە جىنسىي يول شىللىق پەردىسىگە قان تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
ياللۇغ قايتۇرۇپ، قۇرت ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى ۋە بۇسلۇق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.