مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3017 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىياتقۇ ۋە بالىياتقۇ بوينىدا پەيدا بولىدىغان ھەرخىل چوڭلۇقتىكى مۇنچاق گۆشلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

ئاساسلىقى غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەل ئىككى خىل شەكىلدە ئۇچرايدۇ. بىرسى بالىياتقۇنىڭ ئۆزىدە يەنى بالىتياتقۇنىڭ بوينىدا سۆگەلگە ئوخشاش ئۆسۈكچە ھالىتىدە بولىدۇ. يەنە بىرى بالىياتقۇنىڭ سىرتىدا تاشقى جىنسىي ئەزادا بولىدۇ.

ئالامىتى:

بۇ تۈگۈنچە بەزلىرى قول بىلەن بېسىلغاندا مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر جىنسىي ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن تەكشۈرگەندە بۇ سۆگەلسىمان تۈگۈنچىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن بالىياتقۇ تېگىدە بولسا كۆرۈنمەيدۇ. ئەگەر تۈگۈنچىلەردە قان تولۇۋالغان بولسا قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ. قانىغاندىن كېيىن تۈگۈنچە سولۇشۇپ ئاغرىش پەسىيىدۇ، ئۇنىڭدىن قارىغا مايىل ھۆللۈك چىقىدۇ. بەزىلىرىدە يۈرەك تەۋرەش پەيدا بولىدۇ، قول-پۇتتا كۆيۈشۈش بولىدۇ، بەزىلىرىدە سوغۇق تەر كېلىدۇ، كېسەل ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ بىئاراملىققا سەۋەب بولىدۇ. بۇ سۆگەلسىمان تۈگۈنچىلەر بىر نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. بەزىلىرى كىچىك، مەقئەت بوۋاسىرىدەك بولىدۇ، بەزىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن، بەزىلىرى مىقتەك بولىدۇ، بەزىلىرىدە تۈگۈنچىلەر چوڭىيىپ بالىياتقۇغا تاراپ كېتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ شاخلىرى جىنسىي يولغا قەدەر كېلىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى جىنسىي ئەزا سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

ياللۇغ قايتۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىر يوقىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك غىزالار يەنى پاقلان گۆشى بېرىلىدۇ. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەر يەنى كالا گۆشى، لازا قاتارلىقلاردىن ۋە ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتتىن ساقلىنىش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.