بۇ بالىياتقۇ كونا يارا پەيدا بولۇپ، ئاشۇ يارىدىن ئاقما ھاسىل بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
ئاساسلىقى بالىياتقۇدا يارىنىڭ بولۇشى، بۇزۇق ماددىلارنىڭ بالىياتقۇغا تەسىر قىلىشى، يارىنى داۋالاشقا سەل قاراش ۋە باشقىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بالىياتقۇدىن خېلى ئۇزۇنغىچە سېسىق پۇراق كېلىدۇ. بالىياتقۇ يارىسى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ داۋالاش جەريانىدا ياخشى بولۇپ كەتمىسە، يارىدىن سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق چىقىپ تۇرىدۇ، بالىياتقۇ راكىدەك قاتتىق ئاغرىيدۇ، بالىياتقۇغا تاياقچە كىرگۈزگەندە قايسى ئورۇندا ئاغرىش سېزىمى بولسا شۇ ئورۇندا ئاقما شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئەگرى تاياقچە كىرگۈزگەندە ئاغرىش سېزىمى بولمىسا بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ چىرىپ، سېزىمى يوقالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
زەخىمىنى تازىلىغۇچى ۋە قۇرۇتقۇچى كۈچلۈك دورىلارنى ئىشلىتىش ئامال بار تىغ تەككۈزمەسلىك كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قۇۋۋەتلىك ۋە ئاسان سىڭىدىغان غىزالارنى بېرىش، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن، لازا، ئاچچىقسۇ ۋە يەللىك تاماقلاردىن قىيمىلىق ۋە ھوردا پىشۇرۇلغان تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.