مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2812 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ سىرتقى جىنسىي ئەزا ساھەسىنىڭ تېرىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭدىن كېسەل بىئارام بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلەردە قىچىشىش سەۋەبىدىن جىنسىي ئىنتىلىش كۈچىيىپ كېتىدۇ.

سەۋەبى:

بۇ ئاساسلىقى جىنسىي ئەزا تازىلىقى ياخشى بولماسلىق، جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى، غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدە ھەيز كەلمەسلىك، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى، قوشۇمچە تۇخۇمدان كېسەللىكلىرى ياكى جىنسىي ئەزا تۈكلىرىنىڭ جىنسىي يولغا كىرىۋېلىشى، قەۋزىيەت، بوۋاسىر، دىئابېت، ئۈچەي قۇرتى، كۈچلۈك سوپۇن ۋە غىدىقلىغۇچى خىمىيىلىك دورىلارنىڭ تەسىرى، روھى ئامىللار ۋە باشقىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

سىرتقى جىنسىي ئەزا قىسمىدا قاتتىق قىچىشىش پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ كەچتە قاتتىق قىچىششقا باشلايدۇ. قاشلاش نەتىجىسىدە سىرتقى ئەزا تېرىلىرىدە زېدىلىنىش ۋە قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بىمار ناھايىتى بىئارام بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش بىلەن بىرگە، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۇيۇقئاش، باچكا شورپىسى، چۈجە گۆشى قاتارلىق تېز ھەزىم بولىدىغان تائاملارنى بېرش. لازا، ئاچچىقسۇ، ھوردا پىشۇرۇلغان نان، كالا گۆشى، كونا گۆش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.