مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1314 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ، ئىچ كىيىملەر ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كۆپىيىپ كەتتى . بىر قىسىم ئاياللار ئاقىۋىتىنى ئويلىماي كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقتا ۋە شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلماقتا . ئىگىلىنىشچە ، قارىغۇلارچە كۆكسىنى چوڭايتىش ئاياللارنى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار قىلىدىكەن . 

    تېببىي خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، سۈت بېزى راكى ئاساسلىقى ، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتمەسلىكى ، ئاستا خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى ، ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىش ئۈچۈن ماسىساژ قىلىشى ، كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشى ، ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئىشلىتىشى ، شۇنىڭدەك بەدەندىكى باشقا ئورگانلاردىكى راكنىڭ يۆتكىلىپ كېلىشى قاتارلىقلارمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . كۆكسىنى چوڭايتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن كۆپ بولۇپ ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن . سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلىپىدە ئالاھىدە ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ ، ئاياللار يىلدا بىر قېتىم كۆكسىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ، يۇيۇنغاندا كۆكرەكتە تېرىقچىلىق چوڭلۇقتىكى غەيرىي ، قاتتىق مۇنەك پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسا ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىمكەن . ئاياللار ھەر ۋاقىت كۆكسىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ، تۇغۇتتىن كۆكرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارمۇ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىمكەن . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.