مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1261 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىياتقۇ مىزاجى بۇزۇلۇش ياكى بالىياتقۇ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

ھەددىدىن زىيادە ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، قۇرۇقلۇق ياكى ھۆللۈك تەسىردىن بالىياتقۇ مىزاجى بۇزۇلۇپ بالىياتقۇ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق بولىدۇ.

ئالامىتى:

ھارارەت غەلبە قىلغان ھالەتتە ھەيز ئاز ۋە قويۇق بولىدۇ، قارىغا مايىل قىزىل، سېسىق پۇراقلىق بولىدۇ. بىمارنىڭ بالىياتقۇ ۋە جىنسىي ئەزاسىدا قىزىقلىق سېزىم بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىمۇ ئەرگە بۇ قىزىقلىق سېزىم بىلىنىدۇ. جىگەر ساھەسىدە ئاغرىش سېزىم بولىدۇ، لەۋلىرى قۇرغاق، ئۇسسۇزلۇق كۆپ، ئىشتىھا كەم بولىدۇ، سۈيدۈكى ئاز، رەڭگى سېرىق بولىدۇ ۋە ئىسسىقلىقنىڭ باشقا ئالامىتى بولىدۇ. سوغۇقلۇق غەلبە قىلغان ھالەتتە ھەيز توختاپ قالىدۇ ياكى مىقدرى ئاز كېلىدۇ، ھەيز قېنى سوغۇق بولىدۇ، رەڭگى ئېقىش قىزىل بولۇپ، بىرنەچچە كۈنگىچە توختىمايدۇ، سۈيدۈكى رەڭسىز، تومۇرى تەرتىپسىز بولىدۇ، ھەزىم بۇزۇلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق بولمايدۇ، بالىياتقۇدا سوغۇقلۇق سېزىم بولىدۇ. ھۆللۈك غەلبە قىلغان ھالەتتە ھۆللۈك كۆپ بولىدۇ، ھەيز قېنى بىلەن بىرگە سۇيۇق ھۆللۈكنىڭ ئېقىشىمۇ كۆپ بولىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى كۆپ ھاللاردا ھۆل تۇرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدر بولسا ئۈچ ئاي ئىچىدە ھامىلە چۈشۈپ كېتىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ئەگەر ھارارەت غەلبە قىلغان بولسا سوغۇق دورىلار ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

قۇۋۋەتلىك، ئاسان سىڭىدىغان تائاملاردىن يېيىش كېرەك.

قىيمىلىق تاماق، كالا گۆشى، بۇسلۇق تاماق، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق يەللىك ۋە غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.