بالياتقۇ ئۆزىنىڭ نورمال ئورنىدىن جىنسى يولنى بويلاپ تۆۋەنلەپ بالياتقۇ بوينى سىرتقى ئاغىزى ئولتۇرغۇچ سوڭەك بېسىمى تەكشىلكىگىدىن توۋەنلەپ جىنسى يولغا يىقىنلاپ قالسا ياكى بالياتقۇنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى جىنسى يول سىرتقى ئېغىزنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتسە بۇ بالا ياتقۇ بوينى چىقۇقى دىيلىدۇ.
سەۋەبى :
تۇغۇتتا زەخمىلىنىش .ھۆل سوغۇقلۇقنىڭ ياكى بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن داس تېگى توقۇلمىلىرى ۋە بالياتقۇنى ترەپ تۇرغۇچى تارامۇچلارنىڭ بوشاپ كىتىشىدىن بولىدۇ،ئۇندىن باشقا بالياتقۇنىڭ ئارقىغا جايلىشىشمۇ ئاسانلا بۇ كىسەلنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.
داس تىگى توقۇولمىلرى ۋە تارامۇچلارنىڭ بوشاپ كىتىشىدىن بولىدۇ.
قورساق ئىچكى بېسىمنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن بولىدۇ.
بالياتقۇ چىقۇقى دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن 3دەرىجىگە بولىنىدۇ.
Ⅰ-دەرىجە:بالىياتقۇبوينىنىڭ سىرتقى ئېغىزى ئولتۇرغۇچ چىقىندىسىنڭ
تەكشىلىگىدىن تۇۋەن بۇلىدۇ،يىنىك دەرىجىدىكى بولسا بالىياتقۇ سىرتقى ئېغىزى بىلەن قىزلىق پەردە گىرۋىكى<4mmبۇلىدۇ قىزلىق پەردە قىرىغا يەتمىگەن بۇلىدۇ،ئېغىر تىپتىكى بولسا بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى قىزلىق پەردە گىرۋىكگە يەتكەن بۇلىدۇ ئەمما بۇ گىرۋەكتىن ئاشقان بۇلىدۇ،تەكشۇرگەندە جىنسى يولدا بالىياتقۇنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.
Ⅱ-دەرىجە:يىنىك تۇرى بالىياتقۇ بوينى جىنسى يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قىلىپ بالىياتقۇ بوينى جىنسى يولنىڭ ئچىدو بولىدۇ.
ئېغىر تۇرى:بالىياتقۇ تىنىنڭ بىر قسمى جىنسى يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالدۇ،لىكىن پۇتۇنلەي چىقمايدۇ.
Ⅲ-دەرجە:پۇتكۇل بالىياتقۇ تىنى تامامەن جىنسى يول سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ.
كىلىنىك ئپادىسى:
ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىنجىقلىغۇسى كىلىدۇ.
Ⅰ-دەرجىدە بىمارداھىچ قانداق ئالامەتلەر بولمايدۇ.
Ⅱ-Ⅲ-دەرىجىدەبىمارداچىدۇغۇسىز بەل قىسمى ئاغىرىش،تۇۋەنكى قورساق چىڭقىلىش سىزىمى بۇلدۇ،Ⅱ-دەرىجىدىكى بىماردا يول ماڭغاندا،ئەمگەك قىغاندا،چوڭ تەرەت قىلغاندا تۇۋەنكى قورساقنىڭ بىسىمى ئېشىپ جىنسى يولغا كاللەك نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بۇلىدۇ تۇز يەردە يېتىپ دەم ئالغاندىن كىيىن كىچىكلەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ.Ⅲ-دەرىجىدىكى بىمارلاردا دەم ئالغاندىن كىيىنمۇ بالىياتقۇ چىقوقى ئەسلىگە قايتمايدۇ،داۋاملىق قول بىلە كىرگۇزۇشكىمۇ ئامال بولمايدۇ،بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسى يول دىۋارى ئۇزۇن مۇددەت سىرتىغا چىقىپ تۇرغانلىقتىن جىنسى يول شىللىق پەردىلىرى مۇڭگۇزلىشىشقا باشلايدۇ،قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچچۇراش ۋە سۇركىلىش نەتتىجىسىدە شەلۋەرەش يارا پەيدا بۇلىدۇ،بەزىدە يىرىڭلىق ئاجىراتمىلار كۆپىيىدۇ،بەزىدە قان چىپىلداپ ئېقىپ تۇرىدۇ.
3)تۇۋەنگە چىڭقىلىش سىزىمى ۋە بەل سىقىراپ ئاغىرىش:چىقىپ قالغان بالىياتقۇ،تارامۇچلار بىلەن قورساق پەردىسىنى تارتقانلىقتىن ۋە داس بوشلىقىغا قان تولغانلىقتىن پەيدا بۇلىدۇ بۇھېيز دەۋرىدە ئەمگەك قىلغاندا ئېغىرلىشىدۇ،ھېيز كۆپ كىلىش قوشۇلۇپ كىلىدۇ.
بالىياتقۇ بوينى ئۇزۇرايدۇ ۋە چوڭىيىدۇ،ئككىنجى ۋە ئۇچۇنجى دەرىجىدىكى بالىياتقۇ بوينى چىقوقى ئۇزن مۇددەت داۋاملاشسا بالىياتقۇبوينى،جىنسىيول،قىسمى ئۇزىرايدۇ بەزىدەcm5~4غا يىتىدۇ،قان ۋە لىمفا ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچچۇرغانلىقتىن ئارلىق ماددىلار ئششيدۇ،بىرىكتۇرگۇچى توقۇلمىلار چوڭىيىدۇ.
باشقا ئالامەتلەر:سۇيدۇك يولى ئەگرى-بۇگرى بولۇپ قىلىش، دوۋسۇن تومپيىپ چىقىش سەۋەبىدىن پات-پات سېيىش،سۇيدۇك چقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش،تۇخۇمدان ۋە بالياتقۇغا قان ئويۇش تۇپەيلىدىن ھېيىز بەك كېلىش ۋە ھېيىز ئاغىرتىپ كىلىش چوڭ تەرەت قىيىنلىشىش بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش :
تۇغۇت بولۇمنىڭ ساپاسىنى ئوستۇرۇش،تۇغۇت مەزگىلدە ئارلىق يىرتىلغان بولسا ۋاختىدا تىكىش،ئاياللارنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دىققەت قىلىش لازىم .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.