بۇ جىنسىي ئەزانىڭ ئىككى لېۋى تۇتۇشۇپ قىلش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر چاپلىشىش ئېغىر دەرىجىدە بولسا ھەيز كېلىشىمۇ توختاپ قالىدۇ.
سەۋەبى:
بالىلىقتا جىنسىي ئەزا ئېچىشىشنىڭ شىكايىتى بولۇش، جىنسىي ئەزادىن چاپلاشقاق سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىپ تۇرۇشى ۋە جىنسىي ئەزا تازىلىقىنى ياخشى بولماسلىق، جىنسىي ئەزا لەۋلىرى زەخىملىنىپ يېرىڭ ئېقىپ لەۋلەرنىڭ ئۆزئارا چاپلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى، يەرلىك ئورۇندىكى شورىغۇچى تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى ۋە باشقىلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزانى كۆرگەندە جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ چاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
بارماق بىلەن چاپلاشقان جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنى ئاستا ئايرىۋېتىش، ئەگەر بەك مەھكەم چاپلىشىپ قالغان بولسا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئوتتۇرىسىدىن تىلىپ ئايرىش، ئەگەر لەۋلەر ئوتتۇرسىدا يالغان پەردە شەكىللەنگەن بولسا ئۇنىمۇ تىغ بىلەن كېسىۋېتىش ھەمدە ئىككى لەۋنى ئايرىم-ئايرىم قىلىپ تېڭىۋېتىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرۇتقۇچى دورىلار بىلەن ۋاننا قىلىش، ئۇپا بېسىش ۋە زىماد تەييارلاپ تېڭىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، تۇخۇم قاتارلىق غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.