‹‹ئاق ياقىلىق ››ئاياللاردا بۆرەك ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدۇ
مۇتەخەسسىسلەر ‹‹ئاق ياقىلىق ›› ئاياللاردا بۆرەك ياللۇغى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ ، دەپ كۆرسەتتى .
بۆرەك ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى يوشۇرۇن بولۇپ ، دەسلەپكى مەزگىلىدە ئالاھىدە تىپىك كېسەللىك ئەھۋالى بولمايدۇ . ئادەتتە پەقەت ھېرىپ - چارچاش ئىپادىسى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹ئاق ياقىلىق›› ئاياللارنىڭ بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا ، ئۇلاردىكى بۇ خىل ئەھۋال خىزمەتتىكى چارچاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ساقسىزلىق دەپ قارىلىپ ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە سەل قارىلىدۇ ، نەتىجىدە كېسەللىك ئەھۋالى مەلۇم بولغىچە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ ، لېكىن بۇ چاغدا بۆرەك خېلىلا ئېغىر زەخىملىنىپ بولغان بولىدۇ .
مۇتەخەسسىسلەر 30 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ھەريىلى بىر قېتىم سۈيدۈك تەكشۈرتۈشىنى ، بولۇپمۇ ئۆزىدە ئېغىر دەرىجىدە چارچاش ئالامىتى بولغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى . ئەگەر ‹‹ئاق ياقىلىق›› ئاياللاردا ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش ، تېرە يىرىڭلىق يۇقۇملىنىش ، قىزىش ، باش ئاغرىش ، كۆڭلى ئېلىشىش ، قۇسۇش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، ھېرىپ - چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ، يۈز - كۆزى ئىششىش ، چىرايى تاتىرىپ ، پۇت قىسمىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش ئالامىتى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى ، ھەرگىزمۇ ئۆزى خالىغانچە دورا ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . بۆرەك كېسىلىنى قانچە بالدۇر بايقاپ ، بالدۇر داۋالىسا ، داۋالاش ۋە ئەسلىگە كېلىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.