بۇ جىنسىي ئەزانىڭ بىر قىسىم جايلىرى يېرىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشتىن ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ، بەزىدە قانايدۇ.
سەۋەبى:
ئۆتكۈر قۇرۇقلۇق، تۇغۇتنىڭ تەسلىكى، تۇغۇت ئاغرىقىنىڭ قاتتىقلىقى، تۇغۇتنىڭ تەتۈر كېلىشى، ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى ئېھتىياتسىزلىق، ھامىلىنى سۈمۈرتۈپ ئېلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلۈكى، قىزلىق بۇزۇلۇش، ياللۇغلىنىش ۋە باشقىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزانى ئېچىپ كۆرگەندە يېرىلغان ئورۇن كۆرۈنىدۇ، ئەگەر جىنسىي ئەزاغا قولىنى سالسا، قان يۇقۇپ چىقىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە زەكەرگە قان يۇقۇپ چىقىدۇ. ئەگەر قىزلىقنىڭ بۇزۇلۇشى بۇ كېسەلگە سەۋەب بولسا، ئاغرىق قاتتىق بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ھوردا پىشۇرۇلغان نان، قىيمىلىق تاماق، كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.