مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2003 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بالىياتقۇ ھاياتلىقنىڭ بۆشىكى، ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە بالىياتقۇنى ياخشى ئاسراش لازىم. ئېرسىيەت ئامىلىدىن باشقا بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ساغلام بولىشىدىكى ئاچقۇچ ئالدىنى ئېلىشتا ساغلاملىق بالىياتقۇغا زىيان يەتكۈزىدىغان بەش چوڭ «جىنايەتچى» بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاكتىپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بالا چۈشۈرسە، بالىياتقۇ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى كۆرىنەرلىك ئاشىدىكەن. 

ئەگەر كۆپ قېتىم تەكرار ھامىلە چۈشۈرسە، بالىياتقۇ ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قېلىش ياكى بالىياتقۇ چاپلىشىپ قېلىش كۆرىلىپ، ئىككىلەمچى ھامىلدار بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. 

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسى 30-40 ياشلىق ئاياللاردا بارغانسېرى كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تۇغمىغان، جىنسى تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولغان ۋە جىنسى قورقۇش كېسىلى بارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاياللار كېسەللىكى مۇتەخەسىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسىنىڭ كونكىرت سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەسكەن. بىراق تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھورمۇن ئاجرىتىش زىيادە جانلىنىپ كېتىش-بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سەۋەبى ئىكەن. ئاياللاردا يۇقىرىدىكى دىيىلگەن ئۈچ خىل ھەرىكەت ئەندىزىسى ئىچكى ئاجرالمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھومۇننىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قالايمىغان جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك 

جىنسى تۇرمۇشنى ئەركىن قويىۋېتىش، بولۇپمۇ بىر نەچچە ئەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش بالىياتقۇغا ئىنتايىن زىيانلىق. مەسىلەن: پاكىزە بولمىغان جىنسى ئالاقىدە كېسەللىك قوزغاتقۇچى بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تۇغۇتتىن كېيىن ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلماي، دائىم زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئەمگەك قىلسا ياكى ئېغىر ئىشلارنى قىلسا، قورساقنىڭ بېسىمى ئېشىپ، بالىياتقۇ نورمال ئورنىدىن جىنسى يولنى بويلاپ پەسكە يۆتكىلىدۇ.

يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش

يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەزى ھورمۇنلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تويۇپ يېرىلىشنى تېزلىتىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆپىيىپ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ماي تەركىبى تۆەن يېمەكلىكلەرنى يىيىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. ئەڭ يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 1+4 ئەلئېھرام شەكىلىدىكى يېمەكلىك قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئوزۇقلىنىش، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىك، ھاراق، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

ھەيز ئاق خۇننىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكگە دىققەت قىلىش

ئەگەر ئاق خۇن كۆپەيسە، ھەيز مەزگىلىدە قاناش ئالاھىدە كۆپ بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قىلىپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىتىش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.