مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1859 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ھەيزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى توختىماي ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.


سەۋەبى:

1. بەدەندىكى قاننىڭ زىيادە بولۇشى بىلەن تەبىئەت ئۇنى ھەيز ئارقىلىق سىرتقا چىقرىشقا تىرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەيز مېڭىپ كېتىدۇ.

2. قانغا سەپرا ماددىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قاننى سۇيۇلدۇرۇپ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇردىن  سىرغىپ چىقىشنى كۈچەيتىدۇ.

3. بەدەندە بەلغەم ماددىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى سەۋەبىدىن بالىياتقۇ پەيلىرى بوشۇشۇپ قان تومۇرلار ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدۇ، نەتىجىدە ھەيز مېڭىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ.

4. بەدەندە سەۋدا ماددىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن قان تومۇرلار يېرىلىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەيز مېڭىپ كېتىدۇ.

5. ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش سەۋەبىدىن بالىياتقۇ تومۇرلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىمۇ ھەيزنىڭ مېڭىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

6. كۆپ تۇغۇش، كۆپ جىنسىي ئالاقە قىلىش ياكى ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاپ بالىياتقۇدىكى تۇتۇپ تۇرغۇچى كۈچ ئاجىزلاپ كېتىدۇ ياكى بالىياتقۇنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى، ئارقا-ئارقىدىن بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ جاراھىتى، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالا ھەمرىيى پارچىسىنىڭ بالىياتقۇدا قېلىپ قېلىشى، بۆرەك ياكى جىگەر ئورۇقلاپ كېتىش، سىل كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەلگە سەۋەبچى بولىدۇ.

ئالامىتى:

ھەيز كۆپ كېلىدۇ، بەزىلىرى ئاز مىقدارد ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم كېلىدۇ، بەزىلىرى بىرلا قېتىمدا كۆپلەپ كېلىدۇ. بەزىلىرىدە قان كۆپ ماڭغانلىقتىن كېسەل قاتتىق ئۇرۇقلاپ ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئەۋرەت ۋە بەل ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ. باش ئاغرىيدۇ، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پۇتىغا ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بەزىلىرى ئورۇقلاپ،ئاجىزلاپ كەتكەن سەۋەب بىلەن ھەمىشە كۆڭلى ئېلىشىدۇ.

مەخسۇس ئالامىتى:

1. قاننىڭ بەدەندە كۆپىيىشىدىن بولسا بىماردا ئېغىرلىق زىيادە بولىدۇ. چىرايى ۋە بەدەن رەڭگى قىزىل بولىدۇ، تومۇرلار قان بىلەن تولغان بولىدۇ، تومۇرى تېز چوڭ سالىدۇ، كېسەل راھەتلىنىشنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2. سەپرا ( قۇرۇق ئىسسىق) غەلبە قىلغان ھالەتتە بولسا، بەدەننىڭ رەڭگى سېرىق، قاننىڭ رەڭگى سېرىققا مايىل ۋە سۇيۇق، تومۇرى ئىنچىكە سالىدۇ، ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق، ئۇسسۇلۇقى كۆپ كېلىدۇ.

3. بەلغەم (ھۆل سوغۇق) غەلبە قىلغاندىن بولسا ھەيز قېنىنىڭ رەڭگى ئاققا مايىل، قويۇق كېلىدۇ، بەل ئاغرىيدۇ، سۈيدۈكى ئاق، بېشى ئېغىر، تومۇرى يوغان، ئاستا سالىدۇ، ئۇسسۇلۇقى بولمايدۇ.

4. سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) ماددىسى غەلبە قىلغاندىن بولسا ھەيز رەڭگى قارامتۇل، سېسىق پۇراقلىق، ئۇيقۇسى كەم، ئاچچىقى يامان، تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا سالىدۇ، ئوڭ تەرەپتە كۆيۈشۈش بولىدۇ.

5. ئۇرۇلۇش، قىزلىقنىڭ بۇزۇلۇشى، تۇغۇتنىڭ قىيىنلىقى قاتارلىقلاردىن بولسا قان تومۇرى يېرىلىپ بۇ كېسەل پەيدا بولىدۇ.

6. ئەگەر بالىياتقۇنىڭ تۇتۇپ تۇرغۇچى كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەندىن بولسا، ھەيزنىڭ قېنى سۈزۈك بولىدۇ، ھەيز كېلىش داۋامىدا ھېچقانداق ئاغرىش بولمايدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

بىمارنى تۈز ياتقۇزۇپ پۇتى تەرەپنى ئېگىزرەك تۇتۇشقا بۇيرۇش، ئولتۇرۇپ قويۇش ۋە ھەرىكەتتىن چەكلەش. ئاندىن كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

قېتىق، تاۋۇز قاتارلىق سوغۇق ۋە كالا گۆشى، بۇسلۇق تاماق، قىيمىلىق تاماق، لازا، ئاچچىقسۇ، تۇخۇم قاتارلىق يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.