مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1668 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىپ، ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەلىك.

بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى خاراكتېرى جەھەتتىن ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى ۋە سوزۇلما بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

1.ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى

جاراسىملار بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىۋېلىپ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى دېيىلىدۇ.

سەۋەبى:

تۇغۇتتىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش بولسا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىملىق سەۋەب، شۇنداقلا ئەڭ ئېغىر تىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىياتقۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى ئورنىتىش، بالىياتقۇ بوينىنى كېرىش، قىرىش، داغماللاش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى مونچاق گۆشى، شىلىمشىق پەردە ئاستىدىكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى:

ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغىدا ياللۇغلانغان جاي سەل-پەل قىزىرىدۇ، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ، ئاق ىۇن كۆپ ھەم قان ئارىلاش، سېسىق بولىدۇ، بۇ خىل كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا تەرەققىي قىلىپ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى يوقالمىغۇچە، بىمار يېتىپ ئارام ئېلىشى، زۆرۈر بولمىغان ئارتۇقچە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ياللۇغ قايتۇرىدىغان، بالىياتقۇنى كۈچەيتىدىغان، قىزىتما پەسەيتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەتلىك تاماقلار ئىستېمال قىلىنىدۇ.

كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، قېتىق، تاۋۇز قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.