بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى،ئاياللار كۆپيىش سېستىمسدا كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بېرى بۇ كۆپىنچە 50 ~30ياش ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاادا كۆپ ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى :
بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.
1)خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ سەۋدا ،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىپ بالياتقۇغا تەسىر قىلىشىدىن بولۇپمۇ سەۋدا خىلىتنىڭ بالياتقۇغا يىغىلىپ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن بولىدۇ.
2)ئۇزۇن مۇددەت ئاياللىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇچۈنكى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىلىماتىيە دەۋېرىدە يىگىلىمەيدۇ بولۇپمۇ تۇغماسلىق تارىخى بار ياكى ئاز تۇغقان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ،بەزىدە كۆپ تۇغقان ئاياللاردىمۇ كۆرۇلىدۇ.
3)بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى مۇسكۇل تېمى ئارلىغى بىلەن بولغان مۇناسىۋتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن،تام ئارلىغى،شىرلىك پەردە ئاستى،شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپ 3 تۈرگە بولىنىدۇ.
مۇسكۇل تېمى ئارلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى : مۇسكۇل ئۆسمىسى بالياتقۇ مۇسكۇل تېمىدا ئۆسىدۇ،ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپى مۇسكىۇل قەۋتى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.
شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى: مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۆسۇش جەرياندا بالياتقۇ شىرلىك پەردىسى قەۋىتىگە قاراپ تومپىيىپ چىقىدۇ.مۇسكۇل ئۆسمىسنىڭ بىر قىسمى قاپلىق پەردىسى بالياتقۇ شىرلىك پەردە قەۋىتى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.
شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى :مۇسكۇل ئۆسمىسى بالياتقۇ ئىچىگە قاراپ ئۆسۇپ،بالياتقۇ بوشلۇقى ئىچىگە تومپىيىپ چىقىدۇ،ئۇنىڭ قاپلىق پەردىسى بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېپىلىپ تۇرىدۇ،ئەگەر داۋاملىق ئۆسسە بالياتقۇ تېمىنى تۇتاشتۇرىدۇ.بەزىدە باليياتقۇ بوينى نەيچىسى ئارقلىق جىنسى يول ئىچىگە چىقىپ قالىدۇ.
كىلنىك ئالامەتلىرى :
ھېيىز نورمالسىزلىغى:ھېيىز دائىم زىيادە كۆپ بولۇسش،جىنسى يولدىن قالايمىقان قان كىلىش ھېيىز ئاغىرتىپ كىلش.
ئاغىرىش:ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئاغىرىمايدۇ،ئۆسمە ئەترەپىدىكى توقۇلمىلار بېسىلغاندا،تارتىشىش ياكى يۇقۇملىنىش بولغاندا ئاغىرىش بولىدۇ.
قورساق قىسمىدىكى مۇنەك:چوڭ بولغاندا تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ،بولۇپمۇ شىرلىك پەردە ئاستا مۇسكۇل ئۆسمىسىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ .
بىلىش ئالامىتى :ئۆسمە يوغىنغانغاندا قوشنا ئەزالارنى باسىدۇ،بۇ سۇيدۇك يولىنى بېسىپ سۇيدۇك قېتىم سانى كوپيىش،سېيىش قىينلىشىش،قەۋزىيەتلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئاق خۇن كۆپيىش :شىللق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسدە كوپنچە ئاق خۇن كۆپ بولىدۇ،ئۆسمە جىنسى ئەزاغا چىقىپ قالسا ئاسانلا يۇقۇملىنىش بولۇپ قانلىق ياكى يېرىڭلىق ئاق خۇن پەيدا بولىدۇ.
تۇغماسلىق: تەخمىنەن %30~%20 كېسەللەر تۇغمايدۇ بولۇپمۇ تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى ۋە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ توشۇلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كىتىدۇ.
باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى : يۇقۇرى قان بېسىم قوشۇلۇپ كىلىدۇ،ئۇزۇن مۇددەت قىزىل خۇن توختىمغانلاردا كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.