مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1401 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

 تۇغماسلىق-تۇغۇت ىيېشىدىكى ئەر-ئاياللار بىرگە ئۆتىۋىتىپ2يىلغىچە ھامىلدار  بولماسلىق تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.


توي قىلىغاندىن تارتىپ2   يىلىغىچە تۇغمىسا بىرلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ. ئىلگىرى ھامىلدار بولۇپ 2 يىلغىچە ھامىلدار بولمىسا ئىككىلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ..


تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:

بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ئەر تەرەپتىن، ئايال تەرەپتىن ۋە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.


ئايال تەرەپتكى سەۋەپلەر:

⑴ئومۇمى بەدەن ياكى بالياتقۇ مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزۇلۇشلىرى قان، سەپرا، سەۋدا، بەلغەم خىلىتلىرنىڭ ياكى ئىسقلىق سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقلاردىن بىرەرسىنىڭ زىيادە غالىپ بولۇشى.


⑵ تۇخۇمنىڭ چىقىرلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش:


①مەركەز خاراكتىرلك ئامىللار: دۆڭچە مىڭە ئاستى قىسمى ھىپوپىز تۇخۇمدان ئوقى خىزمىتى قالايمقانلىشىش، ھېيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


②ئومۇمى  بەدەنلىك  كىسەللىكلەر: ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، زىيادە سېمىزلىك، قالقانسىمان بەز خىزمىتىى كۈچىيىپ كىتىش ياكى ئازىيىپ كىتىشمۇ تۇخۇمدان خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىددۇ.


③ تۇخۇمداندىكى ئامىللار : تۇغما ئالدى تۇخۇمدان خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، تۇخۇمدان خىزمىتى بالدۇر چىكىنىش، تۇخۇم ئۆسمىسى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان، تۇخۇمدان ياللۇغى، بالياتۇ ئىچكى پەردىسنىك غەيرى ئورۇنلىشىشدىن بولىدۇ.


⑶ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ئامىللار: 

تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغى،تۇخۇم نەيچىسى سىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قېلىش بۇندىن باشقا تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى غەيرى شەكىلدە بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ.


⑷بالياتقۇدىكى ئامىللار :

بالياتقۇ تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق،بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە سىلى، بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى،بالياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.


ئەرلەردىكى سەۋەپلەر:

⑴ مەنىنىڭ يىتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش .


⑵ مەنىنىڭ يەتكۈزۈلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش.


⑶  جىنسى مۇناسىۋەتكە تەسر يەتكۈزىدىغان ئامىللار .


⑷ پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئامىللار .


ئەر- ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەر:

⑴ ئەر-ئايالدا جىنسى تۇرمۇش بىلىمى كەمچىل بولۇش،جىنسى تۇرمۇشنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك شالاڭ بولۇپ قېلىشى ياكى تۇخۇم چىقىرىش ۋاختىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىش،ھېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسۋەت قىلىشس سەۋەبىدىن ياللۇغ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.


⑵ئىككى تەرەپنىڭ نېرۋا جىدديلكى:نېرۋا جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئادەم بەدىندىكى بىئولوگىيلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نېرۋا جىددىيلىكى سەۋەبىدىن جىمانىڭ مەغلۇپ بولۇشى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


⑶ ئىممۇنىت ئامىلى:  ئەرلەرنىڭ بەدىندە تەبىئى ئىممۇنىتلىق راكسىيە بوزۇلۇپ ئۇرۇقنىڭ ھەركتىنى تۇرمۇزلاش بىلەن ھامىلدار بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ  .


ئايال تەرەپنى تەكشۇرۈش  : 

(1) كېسەل تارىخنى سوراش.


⑵ ئاياللار بولىمىدە تەكشۇرۇش :


ئىككىلەمچى جىنسى بەلگۈلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،كۆپيىش سېستىمىسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى،ياللۇغلىنش،غەيرىلىشىش ۋە ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلۇقىنى،ئۆپكە سىلىنىڭ بار يوقلۇقىنى ،قالقانسىمان بەز ئىقتىدارنىڭ يۇقۇرلاپ كىتىش ياكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى،بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ئەھۋالى،ھېپوپېز تىنىدىكى كىسەللىكلەر تەكشۈرلىدۇ.


⑶ قوشۇمچە تەكشۈرۈش : ① تۇخۇمدان خىزمىتىنى تەكشۈرۈش.


② تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىگە ھاۋا ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۈش  .


③ جىنسى تۇرمۇشتىن كىيىن مەنى سۇيۇقلۇقى بىلەن بالياتقۇ بوينى شىللىق سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىنىغى ئىشلىنىدۇ.


④زۆرۈر تېپىلغاندا بالياتقۇ ئەينىكى ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈپ بالياتقۇ، تۇخۇم نەيچىسى، تۇخۇمداننىڭ چاپلىشىشى ياكى كىسەللىك ئۆزگىرشنىڭ بار-يوقلۇقى بىۋاستە تەكشۈرلىدۇ.


داۋالاش:

ئادەتتىكىچە داۋالاش: ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك سوزۇلما كىسەللىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش، روھى جەھەتتىكى غەم-قايغۇنى تۈگىتىش، بىمارغا جىنسى تۇرمۇش ھەققىدىكى تۇرمۇش بىلىملىرنى تەشۋىق قىلىش، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ جىنسى تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.


كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش: 

ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولسا مۇۋاپىق تەدبر قوللىنىش يەنى تەڭشەش لازىم. ئىسسىقتىن بۇزۇلغاندا ئومۇمى ئالامەتلىرى بىلەن بىللە ھېيىز قارامتۇل ۋە قويۇق كىلىدۇ. دوۋسۇندا تۈك كوپ بەدىنى ئۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىنەپشە، نىلوپەر، خەشخەش، ئالماسۇيى، ئاق-سەندەل، لىموندىن تەركىپ تاپقان شەربەت بېرلىدۇ. بالياتقۇ مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆردەك يېغىي ياكى توخۇ يېغى، بىنەپشە يېغى بىلەن قوشۇپ يۇيۇپ تازىلاپ ھورلانغان يۇڭدا پىلتە ياساپ جىنسى يولغا سېلنىدۇ.


سوغۇقتىن بولغاندا ھېيىز ئاز ۋە ئۇزۇن مۇددەتتكىچە كېلىدۇ، رەڭگى سۇيۇق ۋە ئاقۇش بولىدۇ، دوۋسۇندا تۈك شالاڭشىپ كېتىدۇ.

قۇرۇقلۇقتىن بولغانلىرىدا ھېيىز بوغۇلۇش، قەۋزىيەتلىك، جىنسى يول تاملىرى دائىم قۇرۇق بۇلۇش، بەدىنى ئۇرۇق بۇلۇش كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا دائىم سۈت ئېچىپ بىرىپ، شەربىتى نىلۇپەر، شەربىتى بىنەپشە بىرىلىدۇ. نىلۇپەر، بىنەپشە، ھۆل قاپاق، توخۇ، ئۆردەك ياغلىرىدىن دوۋسۇن جىنسى ئەزا ۋە ساغرىغا سۈركەپ بېرىلسە بولىدۇ.


ھۆللۈكتىن بۇزۇلغانلىرىدا ئومۇمى بەدەندىكى ھۆللۈك ئالامەتلىرىدىن باشقا بالاياتقۇنىڭ تۇتقۇچى (ماسىكە) قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەچكە ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، جىنسى يول دائىم نەملىشىپ تۇرىدۇ. شاھمەنزەل، ئەنزىرۇت، سوماق، ئود ھىندى، زەپە، مۇرمەككىلەر تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئالاشتۇرۇپ پۇچۇلانغان قوي يۇڭى بىلەن جىنسى يولىغا قويۇلىدۇ.


ماددىلىق مىزاج بۇزۇلىشتىن بولسا ئۇمۇم بەدەننى تازىلاش كىرەك .


قان خىلىتىنىڭ ئالامىتى بولسا ئاياق تەرەپكە ھېجامەت قويۇش كىرەك ھەمدە  نوقۇئى تەمرى ھىندى بېرىش لازىم. بەلغەمدىن بولسا قەي قىلدۇرۇش ھەمدە ھەببى ئايارەج، ئايارەنجى پەيقىيا بېرلىدۇ.


تۇغماسلىق زىيادە سېمىزلىكتىن بولسا ئۇرۇقلىتىش تەدبىرلىرنى قوللىنىش لازىم، ئتتىرفىل سەغىر، جاۋارىش كومۇنى، داۋائى لوك بېرىلىدۇ. ھېيىز توختاپ قېلىشتىن بولسا ھېيىز ماڭدۇرۇش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.


بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەن بولسا بالياتقۇنى قىززىتىش ئۇچۇن ئوتلۇق ھىجامەت قويۇش ئىسسىق پەرىزجە، ھەمەلچە قىلش ، ياغلاش لازىم .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.