دائىم ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ھەيىز ئاز ياكى كۆپ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، زادى قانداق بولغاندا ئاندىن نورمال بۇلىدۇ،؟ ئۇنداق بولسا تۆۋىندىكىنى كۆرۈپ باقايلى،
ھەيىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىرىدە سەل كۆپرەك بۇلىشى بۇ نورمال ئەھۋال، بەلكىم سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى پاختا قەغەز ئىشلىتىشكە توغرا كىلەر، كىيىنكى نەچچە كۈندە بارا-بار ئازىيىپ بېرىشى مۇمكىن، ئادەتتە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلەتكەن قىزلارنىڭ ھەيىز مىقدارىئادەتتە باشقىلاردىن ئازراقراق بۇلىدۇ، چۈنكى بالىياتقۇ پەردىسى نىپپىزلەپ كەتكەن، شۇڭا ئاجىرىلىپ چىققان قاننىڭ مىقدارىمۇ ئازراق بۇلىدۇ، ئەگەر نورمال بولغاندا قىزلارنىڭ ھەر ئايلىق ئادىتى نورمال كىلىدۇ ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس.
ھەيىز كۆپ بۇلۇش؛ بىر سائەت ئىچىدە بىر چوڭ سۈمۈرۈشى ياخشى بولغان قەغەزنى ئىشلىتىپ بۇلۇش، بۇ بولسا ھەيىز مىقدارىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ سەۋەبى بولسا تۈمۈر كەملىكتىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق ، بۇنداق ئەھۋالدا دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، چىرايى سارغىيىپ كىتىدۇ، نەپىسى سىقىلىدۇ، دوختۇرغا بارسىڭىزمۇ دوختۇر ئاۋال سىزگە تۈمۈر كەملىكتىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن سىزگە تۈمۈر ماددىسى تۇلۇقلايدىغان دورا بىرىدۇ، يەنە دېققەت قىلىشقا تىگىشلىكى بولسا بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچى پەردىنىڭ ئورنى توغرا بولماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىمۇ نورمالسىزلاشتۇرىدۇ، يەنە ھەيىز مەزگىلىدە كۆپ قان كىلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەيىز مىقدارى ئاز بۇلۇش؛ھەيىزنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئاز بۇلۇش نورمال ئەھۋال بىراق ھەيىز ئاخىرلاشقىچە بەك ئاز كىلىش ياكى ئىككى كۈندىلا ئاخىرلىشىش قاتارلىقلار ھەيىز ئاز كىلىش دەپ ئاتىلىدۇ، ھەيىز ئا ز كىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، بالىياتقۇ ئىقتىدارى نورمالسىز بالىياتقۇ قاناشتەك ئەھۋالنىڭ ئىپادىسى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمداق يىغىندى كېسەللىكى ، تۇخۇمدان بالدۇر قېرىش، بالا چۈشۈرۈشتىن كىيىنكى بالىياتقۇ چاپلىشىشى قاتارلىق كېسەللىكنىڭ ئىپادىسى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.