بۇ تاشقى جىنسىي ئەزا قىسمىنىڭ بىرەسى ياكى شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
يەرلىك ئورۇن پاكىزە بولماسلىق، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، ھەيز قېنى، سۈيدۈك ياكى چوڭ تەرەتنىڭ غىدىقلىشى، ھەيز لاتىلىرى ياكى ئىچ كىيىملەرنىڭ يىرىك بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا سىل باكتېرىيىسى ۋە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، ئۈچەيدىكى قۇرت تۇخۇملىرىنىڭ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلىشى تۈپەيلىدىن تاشقى جىنسىي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتلەردىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئاجراتمىلارنىڭ تەسىرى ۋە ھەجمى تۈپەيلىدىن يەرلىك ئورۇن قىزىرىپ ئىششىپ، قاپارتما ياكى يارا پەيدا بولىدۇ. يەرلىك ئورۇندا قىچىشىش، كۆيۈشۈش، ئاغرىش قاتارلىق سېزىملار بولۇپ، سىيگەندە ئېغىرلىشىدۇ، ئېغىرلىرىدا يېرىق لىمفا بەزلىرى ئىششىيدۇ ھەمدە باسقاندا ئاغرىيدۇ. ئۆتكۈر دەۋردە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، پۈتۈن بەدەن بىئاراملىنىش، ئاققان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق ئادەتتىكى ئكتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
كېسەللىك سەۋەبىنى ئنىقلاپ، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش بىلەن بىرگە تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، يەرلىك ئورۇننى ئەتىگەن-كەچ ياىشى يۇيۇپ تازىلاش، يۇمشاق ئىچ كىيىملەرنى كىيىش، سۈركىلىشتىن ساقلىنىش ۋە قۇرغاق بولۇشنى ساقلاش. ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئارپا ئېشى، ماش، گۈرۈچ، سۈت ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى، يەللىك تاماقلاردى پەرھىز قىلىش، ئۆتكۈر ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، غىدىقلىغۇچى ئۆتكۈر سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.