مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1012 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بەزى ئاياللار بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا، دوختۇرغا بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش تەلىپى قويىدۇ. سەۋەبى «تۇخۇمدان راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېگەندىن ئىبارەت. بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، تۇخۇمدان ئاسانلا بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسىسلەر بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىشتە ئېھتىيات قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ. 

ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بالياتقۇنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن تۇغۇش ئىقتىدارىدىن سىرت يەنە نۇرغۇن رولى بار. ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەيز جىنسى يولنى تازلاشتا ئۆز-ئۆزىنى تازلاش رولىنى ئوينايدۇ. يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. بالىياتقۇ كۆپ خىل ھورمۇن ئاجرىتىپ، ئىچكى ئاجرالما تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ. ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىياتقۇ يەنە ئىممونت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ. 

بالىياتقۇ قان تومۇرلىرى تۇخۇمدانغا تۇتىشىدۇ. شۇڭلاشقا بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، بەزى يان تەرەپتىكى كىچىك تومۇرلار ئۈزۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا تۇخۇمداننىڭ تەمىنلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، ئەڭ ئېغىر بىمارلاردا ئەسلىدە تەمىنلىنىدىغان قاننىڭ %50-%70ى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن. تۇخۇمدان بالىياتقۇدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن، قان ئايلىنىش ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، تۇخۇمداننىڭ ئاجرىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ھەتتا زەئىپلىشىدۇ. ساغلاملىققا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىياتقۇسى ئېلىۋېتىلگەن ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى ئوخشاش ياشتىكى ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنىدىن تۆت يىل بۇرۇن قېرىيدىكەن. بالىياتقۇنى قانچە بالدۇر ئېلىۋەتسە، تۇخۇمداننىڭ زەئىپلىشىش ۋاقتى شۇنچە بالدۇر بولىدۇ. ھەتتا ئېغىر دەرىجىلىك كېلىماكتىرىيە مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بىمار %34 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندە، ئاياللار كېلىماكتىرىيە مەزگىلىگە مۇددەتتىن بۇرۇن كىرىش مۇمكىن. ياشانغانلار كېسىلىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرىلىدۇ ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.