سەۋەبى:
ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالاتماسلىق، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى ياكى ئېغىر ھالدىكى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ كېڭىيىشى، بالىياتقۇغا ئورنىتىلغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى، تۇغۇتتىن كېيىن ياكى بويىدىن ئاجراشتىن كېيىن بالا ھەمراھى پارچىسىنىڭ بالياتقۇدا قېتىپ قېلىشى ياكى بالا ھەمراھى يېپىشىپ تۇرغان جاينىڭ تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەسلىكى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەيزدىن قالغان ئاياللاردا ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە جىنسىي يولى ئىچكى پەردىسى نېپىزلەپ، ئاسانلا جاراسىملار ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سوزۇلما ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىياتقۇ شىللىق پەردىسى ئاستى مۇسكۇلى ئۆسمىسى، شىللىق پەردە مونچاق گۆشى قاتارلىقلارمۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
ھەيز قالايمىغان كېلىدۇ ياكى بالىياتقۇ قانايدۇ، دوۋساق ئاغرىيدۇ ياكى چىڭقالغاندەك بولىدۇ، ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، قىزىتىدۇ، بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار قېلىنلايدۇ. ئەگەر ياشانغانلار بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ھەيزدىن قالغاندىن كېيىنمۇ جىنسىي يولدىن قان كېلىشتەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، سۇيۇق ۋە قان ئارىلاش كېلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
سوزۇلما بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئەگەر بالا ھەمراھىنىڭ چالىسى قالغانلىقى ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى بولغان بولسا، مۇشۇ سەۋەبنى تۈگەتكەن ھامان كېسەل ساقىيىپ كېتىدۇ. سەۋەبلەر بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن بىلەنمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە مونچاق گۆش، بالىياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۆسۈپ قالغان ۋە ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى، مۇسكۇل ئۆسمىسى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى بولۇپ قالغان بولسا، كېسىپ ئېلىۋېتىش ۋە يىلتىزىدىن تازىلاش كېرەك.
دورا بىلەن داۋالاشتا ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.