1. قان (ھۆل ئىسسىق) مىزاجلىق ئاياللاردا ھەيز قېنىنىڭ رەڭگى قېنىق قىزىل بولۇپ، ھەيز جەريانىدا ئاساسەن بەك چوڭ يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ.
2. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) مىزاجلىق ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ھەيز قېنى ئوچۇق قىزىل بولۇپ، قورساق بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىيدۇ، روھى چۈشكىنلىشىش، گەپ-سۆز خالىماسلىق ئالامەتلىرى قوشۇپ كېلىدۇ. قان مىقدارى ئاز، ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ، بۇنداق ئاياللار كۆپىنچە ئادەت قالايمىقانلىشىشتەك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ.
3. بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىق ئاياللاردا ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە ھارغىنلىق، پۇت-قول ئېغىرلىشىش، قورساق ئېسىلىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ھەيز قېنى تەركىبىدە بالىياتقۇ ۋە جىنسىي يول شىلىمشىقلىرى جىقراق بولغاچقا، قاننىڭ رەڭگى سەل سۇسراق كېلىدۇ، قان مىقدارى ئانچە كۆپ بولمايدۇ.
4. سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) مىزاجلىق ئاياللار ھەيز كۆرگەندە ئۇيقۇسى قېچىش، تاماق خالىماسلىق، پۇت-قول ۋە بەللىرى تېلىپ ئاغرىش، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەسەبىي روھى ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ھەيز قېنىنىڭ رەڭگى قارامتۇل، قويۇق، كاللەك كېلىدۇ. ھەيز قېنى كەلگەندە بالىياتقۇ بوينىدا ھېچقانداق غەيرى ھادىسە بولمايدۇ، ئەمما ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ، بەزىدە ھەيزدار ئايال ياكى قىز تىترەپ كېتىدۇ ھەم قورساق ئاغرىقىغا چىدىماي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كەلگەن خۇن سېسىق پۇرايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.