بالىياتقۇ كۆپۈش-بالىياتقۇ ئىچىگە قويۇق يەل توپلىشىۋېلىپ، بالىياتقۇنى كۆپتۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
قىيىن تۇغۇت، بالا چۈشۈپ كەتكەندە ياكى تۇغۇتتا بالا ھەمرىيىنىڭ پارچىسى ياكى ھامىلە قېپىنىڭ پارچىسى بالىياتقۇدا قېپ قېلىپ، ئۇفۇنەتلىنىپ بالىياتقۇ ئىچىدە يەل كۆپۈش، قوشۇمچە بالىياتقۇ زەئىپلىكى، نىپاس خۇنىنىڭ بالىياتقۇدا يىغىلىپ قېلىش نەتىجىسىدە ئۇفۇنەت يۈز بېرىپ يەل ھاسىل بولۇش، يەل ھاسىل قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلشتەك ئومۇمىي سەۋەبلەردىن، شۇنىڭدەك بالىياتقۇ مىزاجى سوغۇقتىن بۇزۇلۇش، بالىياتقۇنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىرىدىنمۇ بالىياتقۇ ئىچىگە تەدرىجىي يەل توپلىشىپ قېلىپ، بالىياتقۇ كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
كىندىك ئاستىدا دۈگىلەك ئىششىق كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، كۆپۈپ ئاغرىيدۇ. باسقاندا ئاغرىش يانپاش سۆڭىكى ئەتراپىغا ۋە مەيدە تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ، چېكىپ كۆرگەندە ناغرىدەك ئاۋاز چىقىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
يەل تارقىتىش مەقسىتىدە ۋە كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ ب ېېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
شوۋىگۈرۈچ، كىرپە گۆشى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق ئاچچىق-چۈچۈك، كونا گۆش، كالا، ئۆچكە گۆشلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.