ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، كەچتە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ياكى كېچىچە ئۇخلىماسلىق ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن .
كەچلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغان ئايال كەسپىي خادىملار (سېستىرا ، ئايروپىلان كۈتكۈچىلىرى)نىڭ سۈتبېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %60 كە يېتىدىكەن . ھەر ھەپتىدە ئىككى ، ئۈچ كۈن كېچىچە ئۇخلىمايدىغان ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، چىراغ نۇرى قارا گورمۇننىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن . قارا گورمۇن راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىكەن ، شۇڭا كېچە ئۇخلىغاندا چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەككەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.