مۇناسىۋەتلىك تىببىي ساۋات:
بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى-ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولسىمۇ، بىراق ئاياللار ھەمىشە بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. سوزۇلما خارەكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئاياللار كېسەللىكى ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، تۇغۇت، بالا چۈشۈرۈش ياكى ئوپراتسىيىدە بالىياتقۇ بوينى زەخىملەنگەندىن كېيىن، كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتىرىيىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ ھەم جىددى خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. جىددى خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىمىغاندا، كېسەللىك قوزغاتقۇچى بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسى ئىچىگە يۇشۇرنىۋېلىپ، سوزۇلما خارەكتىرلىك ياللۇغنى شەكىللەندۈرىدۇ. نۇرغنۇ ئاياللاردا جىددى خاراكتىرلىك كېسەللىك ئالامىتى ئانچە روشەن بولمىغاچقا، دائىم سەل قارىلىپ، بىۋاستە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىك ئالامىتى ئانچە روشەن بولمىغاچقا، دائىم سەل قارىلىپ، بىۋاستە سوزۇلما خارەكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
جىنسى يول ئاجرالمىلىرى زىيادە كۆپ بىمارلاردا تەخمىنەن %20-%25 نى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاق خۇن شىلىمشىق، يىرىڭلىق بولغاچقا، ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇ بوينى نەيچىسىدىن ئۆتۈشكە پايدىسىز. بۇنىڭ بىلەن ھامىلدار بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئاق خۇن كۆپىيىش جىددى خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزىدە ھەتتا بىردىنبىر ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاق خۇن يىرىڭلىق ياكى قان ئارىلاش بولىدۇ. بەل ئاغرىش ۋە كىچىك قورساق تارتىلىپ ئاغرىش ئالامىتى بىرگە كېلىدۇ. بەزىدە سىرتقى جىنسى ئەزا ياللۇغ ئاجرالمىسىنىڭ تەسىرىدە قىچىشىدۇ. كۆيۈپ ئاغرىغاندەك بولىدۇ ھەم سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلاردا جىنسى ئالاقە قىلغاندا ئاغرىش، قىزىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
بەزى بىمارلار جىددى خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئالامىتى ئانچە روشەن بولمايدۇ. شۇڭا سەل قارىغاچقا، سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ياللۇغ بالىياتقۇنى بويلاپ داس بوشلۇقىغا كېڭەيگەندە، بەل، توقۇز كۆز ئاغرىيدۇ، داس بوشلۇقى تۆۋەنگە تارتىلغاندەك بولۇپ ئاغرىيدۇ. كىلىنكىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى: بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى خالتىلىق ئىششىقى ھەمدە بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار.
مۇتەخەسىسنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى:
جىددىي خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بولغاندا ئالامىتى ئانچە روشەن بولمايدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاياللار بۆلىمىدە تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرە. شۇنداقلا جەزمەن ئەر-ئايال بىرگە تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ھېچقانداق نۇقسان كۆرىلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا جەزمەن ئەمگەك بىلەن ئارام ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇپ، ياخشى، قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ۋە تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ساغلاملىق بارلىق بايلىقنىڭ قۇرىماس مەنبەسى، بارلىق ئىشلارنىڭ تۈپ يىلتىزى، ئايال دوستلارنىڭ ساغلاملىقنى تونۇپ، ساغلاملىققا دىققەت قىلىپ، ساغلام بولۇشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.