بالىياتقۇ بوينى يارىسى
بۇ بالىياتقۇ بوينى ياكى جىنسىي يول ئىچكى قىسمى يېرىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
قۇرۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بالىنىڭ قورساقتا تەتۈر كېلىشى، تۇغۇت ئاغرىقىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىكى قىيىن تۇغۇت، جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپلۈكى، قىزلىق پەردىنىڭ بۇزۇلۇشى، بالىياتقۇ ئىششىقىنىڭ ۋاقىتتىن ئىلگىرى يېرىلىشى ۋە باشقىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئەگەر يېرىلىش بالىياتقۇ بوينى ياكى جىنسىي يولدا بولسا جىنسىي ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، يەرلىك ئورۇن ھەمىشە ئاغرىيدۇ، ئەۋرەت قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ، قولىنى جىنسىي ئەزاغا كىرگۈزسە قۇلىغا قان يۇقۇپ چىقىدۇ، ياكى قان ئاقىدۇ. ئەگەر قىيىن تۇغۇتنىڭ سەۋەبىدىن يېرىلغان بولسا ئاغرىق بولۇش، قان چىقىش نىپاسقا ئوخشاپ كەتكەچكە ئۇنى دەسلىپىدە بىلىش تەسكە چۈشىدۇ، بىر نەچچە كۈىدىن كېيىن نىپاس قېنى ئازلىسا ئۇنىڭ ئالامىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. كېسەللىك ئۆتكۈرلەشكەن ھالەتتە بالىياتقۇدىن قان كۆپ مىقداردا كېلىدۇ، ئاغرىق ھەمىشە بولىدۇ. تۇغۇتتىكى ۋاقىتتا يېرىلىش شىكايىتى ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى كېسەلنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ، تومۇرى تېز سالىدۇ، بالىياتقۇ تارتىشىۋالىدۇ، قورساق سېزىملىرىدا تارتىشىش بولغانلىقتىن قورساق مۇسكۇل قاتتىقلىشىدۇ. ئەگەر يېرىلىش بىراقلا ئاشكارىلانسا ھامىلىدارلارغا شۇنداق مەلۇم بولىدۇكى ئۇنىڭ قورسىقىنى ئىچىدە بىرەر ئورۇن يېرىلىپ كەتكەندەك بالىياتقۇ يېرىلغاندىن كېيىن تېمپىراتۇرا تەدرىجىي كېڭىيىشكە باشلايدۇ. قورساق مۇسكۇلى تەدرىجىي كېڭىيىشكە باشلايدۇ. قورساق مۇسكۇلى ئاغرىپ كۆپ قان ئېقىپ كەتسە كېسەل ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كېتىدۇ.
ئوپراتسىيە قىلىش ئۈنۈملۈك چارا ھېسابلىنىدۇ.
ئادەتتىكى يېرىلىشلار بولسا كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قىيمىلىق تاماق ۋە غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن يەنى لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن ۋە قاتتىق جىسمانىي ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.