مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2205 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ھەيز تۇتۇلۇش-بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىرلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش قىزلارنىڭ 18 ياشتىن ئاشقاندىمۇ ھەيز كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش ئىلگىرى ھەيز كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئۈچ ئايدىن ئوشۇق ھەيز كەلمىگۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

سەۋەبلىرى ۋە تۈرلىرى:

1. بالىياتقۇ مەنبەلىك ھەيز تۇتۇلۇش-تۇغما بالىياتقۇ يېتىلىش ياخشى بولماسلىق، ئىچكى پەردە زەخىملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. تۇخۇمدان مەنبەلىك ھەيز كەلمەسلىك- تۇغما تۇخۇمدان يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق، تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇش، تۇخۇمداندىكى ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. دۆڭچە مېڭە ئاستى قىسمى مەنبەلىك ھەيز تۇتۇلۇش- روھىي ئامىل، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، زىيادە چارچاش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش، بالىنى ئۇزۇن ئېمىتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. ھېپوفىز مەنبەلىك ھەيز تۇتۇلۇش-ھېپوفىز ئىششىقى ياكى زەخىملىنىش، ھېپوفىز خىزمىتى تەڭپۇڭسىزلىنىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5.  باشقا ئامىللار- قان قويۇقلىشىپ قېلىش، ئېغىر قان ئازلىق، قان تومۇرلار توسۇلۇش، قان بۇزۇلۇش، قۇرۇقلۇق ئېشىپ كېتىش، جىنسىي يول پۈتەيلىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، سوزۇلما خوراش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدن كېلىپ چىقىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

قېتىق، تاۋۇز، ئالما، شاپتۇل، لازا، ئاچچىقسۇ ۋە ھوردا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.