مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3817 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كېسەلدە داس بوشلۇقى ئىچىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قان توپلۇشۇپ ئۆسمە شەكىللىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، قان توپلۇشۇش بىر قانچە جايلاردا بولىدۇ. بالىياتقۇ ئارقا كاۋىكى، بالىياتقۇ بىلەن دوۋساق ئارىلىقى ۋە بالىياتقۇ ئالدى كاۋىكىدا قان توپلىشىپ قېلىپ شۇ ئورۇندا ئۆسمە شەكىللىنىدۇ. 

سەۋەبى: 

قان بۇزۇلۇش، قان ئازلىق، قان سىيىش، يەرقان، ھەيز توسۇلۇش، سوغۇق ئۆتۈش، تاياق تېگىش، يېقىلىش، بۇيىدىن ئاجراش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەم بالىياتقۇ ئىچكى تاشقى پەردىسىنىڭ ياللۇغىدىن كېيىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: 

ئەگەر داس بوشلۇقى ئىچكى قىسمىدا بىراقلا ئۆسمە ھاسىل بولسا ئاجىزلاش، ئاغرىش ۋە ئېغىرلىق، مەلۇم دەرىجىدە كۆڭۈل ئېلىشقاندەك ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ، قەي قىلىدۇ. تومۇرى ئاجىز سالىدۇ، بەزىدە ئەھۋاللار يەڭگىل ئۆتىدۇ، جىنسىي يولى ياكى مەقئەت ئارىلىققا بارماقنى پاتۇرۇپ باققاندا كۆپكەن ئورۇن مەلۇم بولىدۇ، بالىياتقۇ بىر تەرەپكە ئىگىلىپ قالىدۇ. قاتتىق تورلار بىلەن باغلىنىدۇ ياكى يىرىڭ يىغىلىپ يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ جىنسىي ئەزا، دوۋساق، مەقئەت قاتارلىق ئەزالارغىچە بارىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى: بالىياتقۇ راكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.