بۇ كېسەلدە تۇخۇمداننىڭ ئۈستى قىسمىدا بىر ياكى بىر نەچچە سۈگەلسىمان، چوڭلىرى ئىت ياڭىقى باراۋىرىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ. چوڭ بولغانلىرىنىڭ ئىچىگە بىر كىلوگرام سۇ يىغىلىدۇ. بۇ ئۆسمىلەردە سۈزۈك، پارقىراق ئازراق يېشىلغا مايىل قان ئۆسمىسى يىغىلىپ قالىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭدا توپلاشقان قۇيۇق سۇيۇقلۇق بولىدۇ، بەزىدە ياغسىمان ماددىلار، بەزىدە سۈگەل، بزىلىرىدە بەزدەكمۇ بولىدۇ. بەزى ئۆسىملەر ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. بەزىلىرىدە ئاغرىق نىسبەتەن قاتتىق، بەزىلىرىدە يەڭگىل بولىدۇ.
سەۋەبى:
قان بۇزۇلۇش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ياكى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپتە ئۆسمىلەر كىچىك، تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالەتتە بولسا بىرەر روشەن ئالامەت كۆرۈنمەيدۇ. لېكىن بۇ ئۆسمىلەر چوڭىيىپ داس بوشلۇقى ۋە دوۋساقنى باسقانلىق سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن سۈيدۈك قىستايدۇ، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بېسىمى تۈز ئۈچەيگە چۈشسە ئۆتكۈر قەۋزىيەت شەكىللىنىدۇ. داس ساھەسىدە تارتىشىش ۋە يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىش بولىدۇ. بەزىلىرى كۆك قان تومۇرنى باسقان سەۋەبتىن پۇت-قوللىرىدا قان قېيىش ۋە ئىسلىش پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇ ئېغىزى كىچىكلەپ يىگىلەپ قالىدۇ، بىمارنىڭ چىرايى ئۆڭگەن بولىدۇ. بەزىدە ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەزىم بۇزۇلۇش، كەم قانلىق، يۈرەك رىتىمسىزلىق، نەپەس قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.
پەرىقلەندۈرۈش:
ياخشى سۈپەتلىك تۇخۇمدان ئۆسمىسى قانداق پەرىقلەندۈرىلىدۇ؟
تۇخۇمدان ئۆسمىسى ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇخۇمدان راكىدا ئۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا تۇخۇمدان ئۆسمىسىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئىكەنلىكىگە بالدۇر ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىش، ئۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە ئەھمىيىتى زور.
ياش جەھەتتە ئۆسمە 40-60 ياشلاردىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدا ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ نىسبىتى 4:1 بولىدۇ. لېكىن ئۆسمۈر ۋە ياشانغان ئاياللاردا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىدە كۆپىنچە داس بوشلۇقىدا مۇنەك پەيدا بولىدۇ. ئۆسمە نىسبەتەن ئاستا ئۆسىدۇ، بىر يىلدا ياكى نەچچە يىلدىمۇ كۆرۈنەرلىك يوغىنىمايدۇ ياكى تەدرىجخي يۇغۇنايدۇ. بىمارنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالى ياخشى، ئىشتىھاسى نورمال بولىدۇ، ئورۇقلىمايدۇ. لېكىن داس بوشلۇقى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى تېز يۇغىنايدۇ، نەچچە كۈن ئىچىدىلا كۆرۈنەرلىك يۇغىنايدۇ. ھەمدە ئىشتىھاسى ناچارلاپ ئورۇقلايدۇ، قورسىقى كۆپىدۇ، قان ئازلايدۇ. بىمارلارنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك قورساققا سۇ چۈشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بەدەن تەكشۈرۈش، بىچاۋدا تەكشۈرۈش، سىتى دا تەكشۈرۈش ۋە ھەرخىل لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈشلەرگە تايىنىپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرۇش، راك ھۈجەيرىلىرىنى يۇقۇتۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.