نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار تۇغماس ئەمەس، بەلكى تۇغۇت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەن. تۇغۇت ئىقتىدارى بەدەندىكى كېسەللىك، سىرتقى مۇھىت، بىمارنىڭ يېڭى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە تەدرىجى ئاجىزلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھامىلدار بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى بەلگىلەيدۇ. بىراق تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولىشى ھەرگىزمۇ تۇغماسلىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بىر قىسىم تۇغۇت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەكلىپىدىن كېيىن داۋالانماي تۇرۇپمۇ تەبئىي ھالدا ھامىلدار بولالايدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە تەخمىنەن %25-%40 گىچە ئەر-خوتۇن داۋالانماي تۇرۇپمۇ ھامىلدار بولغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.