بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىچىدە پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، كۆچۈشى ئەڭ تېز، ئاقىۋىتى ئەڭ ئېغىر بولغان كېسەللىك بولۇپ، كلىنكىدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇ 40 ياشتىن يۇقىرلاردا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.
سەۋەبى:
بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئاساسلىقى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ياكى بالىياتقۇ بوينى جاراھىتىنىڭ تەسىرى، شۇنداقلا خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۆتكۈلۈش يولى:
1. قان ئارقىلىق يۆتكۈلۈش 2. لىمفا ئارقىلىق، بىۋاسىتە تارىلىش، بۇ كۆپىنچە ھاللاردا دەسلەپكى دەۋردە لىمفا ئارقىلىق كۆچۈش كۆپ ئۇچرايدۇ، ئاخىرقى مەزگىلدە قان ئارقىلىق كۆچۈش كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
دەۋىرلەرگە بۆلۈنىشى:
1-دەۋرى: بۇنىڭدا راك بالىياتقۇ بوينىدىلا چەكلەنگەن بولىدۇ.
2-دەۋرى: بۇنىڭدا راك ئىككى تەرەپتىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىلىرىگىمۇ تارقالغان بولىدۇ، لېكىن داس بوشلۇقىغا يېتىپ بارمايدۇ.
3-دەۋرى: بۇنىڭدا راك تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، داس تېمى ۋە جىنسىي يولغىچە يېتىپ بولىدۇ.
4-دەۋرى: بۇنىڭدا يىراق ئەزالارغىمۇ تارقالغان بولۇپ، بىمار قاتتىق ئازاپلىنىدۇ، بۇ ئاخىرقى دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئالامىتى:
راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تىپىك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن كېيىنكى دەۋردە تۆۋەنكى كلىنىك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.
1. جىنسىي يولدىن قان كېلىش: ئاساسلىقى ئىككى بارماقتا تەكشۈرگەندە ياكى جىمادىن كېيىن قاناش پەيدا بولىدۇ، بۇ ئەك مۇھىم كلىنكىلىك ئىپادە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېېيىن كېسەل ئېغىرلاشقاندا ئۆزلۈكىدىن قاناش كۆرۈلىدۇ ياكى ھەيزدىن كېيىن ۋە ھەيزدىن ئىلگىرى ئاز-ئازدىن قان كېلىدۇ.
2. ئاق خۇن كۆپىيىش: دەسلەپتە ئاق خۇننىڭ خاراكتېرى ۋە پۇرىقىدا روشەن ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. راكنىڭ سىرتقى تەرىپى يۇقۇملانغاندا ياكى توقۇلمىلاردا چىرىش، بۇزۇلۇش بولغاندا ناھايىتى سېسىق پۇراقلىق، يىرىڭلىق ياكى يۇندىغا ئوخشاش بەزىدە قان ئارىلاشقان ياكى كۈكۈش ئاق خۇن كېلىدۇ.
3. ئاغرىش: بەل، توققۇز كۆز، قورساقنىڭ ئاستى، ئىككى يۇتا ناھايىتى قاتتىق ئاغرىيدۇ.
4. باشقا ئالامەتلەر: چوڭ-كىچىك تەرەتتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش، قان ياكى ئارىلاش سۈيدۈك كېلىش، قەۋزىيەت بولۇش، ئىچى سۈرۈش، قانلىق تەرەت كېلىش، سۈيدۈك ئاقمىسى، چوڭ تەرەت ئاقمىسى، ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزۇن مۇددەت قاناش سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە كەم قانلىق، ئۇرۇقلاش، چىرايى سارغىيىش، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇغا يىرىڭ يىغىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
نۆل دەۋرلىك ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك راكتا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىلىرىدا ئەھۋالغا قاراپ ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، دورا ئارقىلىق داۋالاش، رادىئاكتىپلىق داۋالاشنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
دورا بىلەن داۋالاش: قايسى خىلت سەۋەبىدىن پەيدا بولسا، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىلى بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قان توختىتىش، قان كۆپەيتىش، يۈرەكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بابۇنە يېغى، ئۆردەك يېغى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
يەللىك ۋە غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن كالا گۆشى ۋە تۇخۇم پوشكىلى، لازا قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.