مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 4179 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ھەرخىل تاشقى ئامىللارنىڭ جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان يات جىنىسلىقلارغا  نىسبەتەن جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەپ كېتىش ياكى يوقۇلۇش تۈپەيلىدىن جىنسىي تۇرمۇشتىن كۆڭۈلدىكىدەك ھوزۇرلىنالماسلىق، ھەتتا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يىرگىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تاناسىل ئەزالارنىڭ بىرخىل فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

1. ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە بەدەن ئاجىزلىق

ئوزۇقلۇق-ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ساقلىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەرلىك بولۇش بولماسلىقى بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن يېتەرلىك بولۇش بولماسلىقى بىۋاسىتە نورمال ساقلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئورگانىزىمدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن بەدەن ئاجىزلاپ ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە زۆرۈر ئىچكى شارائىت ھازىرلىنىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز ئەھۋاللاردا ئوخشاشلا جىنسىي ئەزالارغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسۈتۈپ ئۇلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

2 مىزاج بۇزۇلۇش.

بەدەندە غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپيات تەسىرىدىن بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن جىنسىي ئەزالارغا تەشكىل قىلغۇچى مۇسكۇل، پەي، نىرىپلار بوشىشىپ، سېزىمى تۆۋەنلەپ جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل جىنسىي ئاجىزلىقتا بىماردا سۈزۈك رەڭلىك ئاق خۇن كۆپىيىپ پۇت-قول بوشىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، سوغۇق تەرلەش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى خالىماسلىق، ھارغىنلىق كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.

3. جىنسىي كېسەللىكلەر.

بالىياتقۇ بوينى سوزۇلما ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى راكى، ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كېسەللىك تەسىرىدىن جىنسىي ئورگانىزىم مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلسە جىنسىي ئورگانىزىمدىكى غىدىقلىنىش كۈچەيگەنلىكتىن بىئارام بولۇش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، يەرلىك ئورۇن ئاغرىش ئالامەتلىرى شەكىللەنگەنلىكتىن يۇقىرىقى كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان ئاياللاردا بارا-بارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى خالىمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئاياللاردىكى نورمالسىز ئادەتلەر

روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە داۋاملىق ئۆزىنى كەمسىتىش، ئاياللارغا خاس مىجەز-خۇلقىنىڭ بولماسلىقى، شەخسىي تازىلىقنى ياخشى تۇتماسلىق، بىرلىك ۋاقىتتا كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ياكى جەلەق بىلەن ئادەتلىنىش قاتارلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

5. جۆرىسىدىكى نورمالسىزلىقلار.

جۆرىسىدىكى مەنى تېز كېتىش، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، مەست ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ قېلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە سىلىق بولماسلىق، ئايالىغا كۆيۈنمەسلىك قاتارلىقلاردا ئاياللار بارا-بارا خورلۇق ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشتىن يىرگىنىش، قىزىقماسلىق ئەھۋالىنى شەكىللەندۈرۈپ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. نېرۋا ۋە روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى.

ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولىدىغان نېرۋا ۋە روھىي ئامىللار ئاساسلىقى قارشى تەرەپتىن نارازى بولۇش ياكى ئۆچ كۆرۈپ قېلىش، خورلىنىش، جىنسىي تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالالماسلىق، ئىچ ئاغرىق تارتىش، ھەسەتخورلۇق، تۇرمۇش تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ نېرۋا ۋە روھىي پائالىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق تەڭشىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تەدرىجىي ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ئۇزاق مۇددەتلىك بويتاق ياشاش.

قىز-چوكانلارنىڭ ساغلام تۇرۇپ ئۇزاق مۇددەت بويتاق ياشىشى تەن ساغلاملىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن يەنە جىنسىي بەزلەرنىڭ غىدىقلىنىشنى تورمۇزلاپ، جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ھالەتمۇ ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا جورا تالاشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

8. تۇغما جىنسىي ئەزا كېسەللىكى.

جىنسىي يول غەيرى بولۇش، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ يېتىلىشى نورمال بولماسلىق، تۇغما تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇ بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەر جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

بەدەننى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى كۆرۈش، ئوزۇقلۇنۇشنى ياخشىلاش، چېنىقىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا  قىلىش، روھىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرىدىغان سازلارنى ئاڭلاش چارىلىرى ئارقىلىق جىنسىي بەزلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

دورا ئىشلىتىشتە كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تائاملاردىن پاقلان گۆشى، ئوغلاق گۆشى، كەپتەر گۆشى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.