مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1441 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابىت كېسىلى، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، جىگەرنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىش مۇمكىن. مۇتەخەسىسلەر قورساق قىسمى يوغىناشقا باشلىغان ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەپلا قالماي، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بەل ئايلانمىسى كۆرۈنەرلىك يوغۇناپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ( 35 ياشتىن 50 ياشقىچە) ئىچىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %25 ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئۆسمىسى ياكى تۇخۇمدان ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بەل ۋە قورساق قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيرىسى ئادەتتە نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، پۇت ۋە مۆرە قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئاسان پارچىلىنىپ ياغ كىسلاتاسىغا ئايلىنالايدۇ. زور مىقداردىكى ياغ كىسلاتاسى گلۇكوزىنىڭ مېتابولىزىمىغا دەخلى قىلىدىغانلىقتىن، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، Ⅱ تىپلىق دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى بىر مېتىردىن ئاشسا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ دەل دېئابىت كېسىلىنىڭ باشلانمىسى.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.