مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 915 رەت   / مەنبە: ساغلاملىق تورى

چۈنكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا داس بوشلۇقى بېسىمىغا ئۇچراش ۋە قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش پۇرسىتى كۆپرەك بولغاچقا، داس بوشلۇقى ئەزاسىغا قان تولۇپ ۋە قان تىنىۋېلىپ، مەقەتكە بارىدىغان قانلارغا تەسىر يېتىپ، تۈز ئۈچەي بېسىلىپ، تەرەت توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تەرەت قىلىش راۋان بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەقەت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلدۇر. 

ھەيز مەزگىلى ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مەقەتنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. بەزى ئاياللار ھەيز مەزگىلى ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەرەت قىيىنلىشىپ ۋە ۋاقىت ئارلىقى ئۇزىراپ، 2-3 كۈندە بىرەر قېتىم تەرەت قىلىدۇ. 

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلە چوڭىيىپ تۈز ئۈچەينى بېسىۋالغاچقا، تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش بىلەن بىرگە، تۈز ئۈچەي، مەقەت ۋېنا تومۇرىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا گېمىروي كۆرىلىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى بار گېمروينى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. تۇغۇت مەزگىلىدە گېمروي قوزغىلىش نىسبىتىتېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن قورساق بىكارلىنىپ، تەرەت قىلىش ئېڭى ئاجىزلايدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، قورساق تېمى بوشاپ، ھەرىكەت ئازايغانلىقتىن تەرەت قىلىش كۈچسىز بولۇش ۋە تەرەت قىلىش ئۈچەيدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا قېتىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە كۈچەپ تەرەت قىلغاندا مەقەت، تۈز ئۈچەي زەخمىلىنىپ، مەقەت ئۈچەي كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. 

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئاياللار كېلىماكتىرىيە دەۋرىگە بارغاندا، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار بوشاپ، مەقەتنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك توقۇلما مەسىلەن: پۈرمە مۇسكۇللار،  مەقەتنى كۆتىرىدىغان مۇسكۇل قاتارلىقلار ئوخشاشلا بوشاپ كۈچسىزلىنىپ، مەقەتنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلىماكتىرىيە دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجرالما ۋە نېرۋا ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئادەم ئىچى تىتىلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ. تەرەت قىلغۇسى باردەك ئەمما تەرەت قىلالماي، كەينى-كەينىدىن ھاجەتكە بېرىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇمۇ مەقەت-ئۈچەي كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.