بۇ دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغلىنىش بىلەن بىرگە قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغى كۆپىنچە ئادەتتىكى يىرىڭلىق جاراسىم ياكى سۆزنەك جاراسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۇغۇت ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت مەزگىللىرىدە تاشقى جىنسىي ئەزادىكى يۇقۇملىنىشلار بىلەن يولۇققاندا جراسىملار ئوڭايلا دالانچە چوڭ بېزىغا تەسىر قىلىپ، ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزگىللەردە بەزىدە دائىم ئىششىپ، كۆپ مىقداردا يىرىڭلىق ئاجراتمىلارنىڭ چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئېغىرلىرىدا شۇ تەرەپتىكى كىچىك جىنسىي لەۋ قىزىرىپ ئىششىپ، ئاخىرى پۈتكۈل بەز يىرىڭلىق ئىششىققا ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا باسقاندا ئېنىق ئاغرىيدۇ، ئاغرىش قاتتىق بولغاچقا، يول يۈرگەندە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاش ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىشتەك پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.