مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1208 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كىلىماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش) دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللارنىڭ تېنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ ، مېڭە ، جىگەر ، بۆرەك ، تال ، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەدرىجىي يېنىكلىگەنلىكدىن سىرت يەنە فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكا جەھەتلەردىمۇ بىر قەدەر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ . دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن تەشۋىشلىنىش ، خاتىرجەمسىزلىنىش ، ئىچى پۇشۇش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ياكى ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ، يۇقىرى قان بېسىمى ، سۆڭەك شالاڭشىش ، سېمىزلىك ، ھەر خىل ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەر ئاسان پەيدا بولىدۇ . شۇڭا ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ، كۈندىلىك ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ ئۆزىدىكى بەزى بىر كېسەللىكلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىۋېلىپ ، بىر قىسىم يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ،ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.