بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، كىلىنكىدا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كۆپىنچە ئۆتكۈر داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن پەيدا بولىدۇ.
سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ سەۋەبى:
كۆپ ھاللاردا بويىدىن ئاجراش، تۇغۇش ياكى ئوپېراتسىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان بالىياتقۇ بوينىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە يۇقۇملىنىشى، ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىماسلىق، داس بوشلۇقىدا قان قېيىش، داس بوشلۇقى سوزۇلما ياللۇغى، جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش، بالىياتقۇ چۇقۇقى، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە غىدىقلاش خاراكتېرلىك ئاجراتمىلارغا چىلىشىپ تۇرۇشى بىلەن ئېپتىلىيە تۆكۈلۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چقىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى:
1. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش: بۇنىڭدا ئاساسلىقى تەڭگىسىمان ئۈستۈنكى تېرە چۈشۈپ كېتىپ تۈۋرۈكسىمان ئۈستۈنكى تېرە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. سىرتتىن كۆزەتكەندە يەرلىك ئورۇن شەلۋەرىگەن ۋە قاناش توچكىلىرى پەيدا بولغان بولىدۇ، بۇ ئاسان قانايدۇ.
2. بالىياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆشى: ياللۇغلانغاندىن كېيىن ئۈستۈنكى تېرە زىيادە ئۆسۈپ، بالىياتقۇ بوينىدىكى قانلىق ئىششىقنى يېپىۋالىدۇ، نەتىجىدە بالىياتقۇ بوينىدا بىر ياكى بىرقانچە شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، رەڭگى قىزىل، ئۆزى چۈرۈك مۇنچاق گۆشلەر شەكىللىنىدۇ، بۇمۇ ئاسان قاناش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
3. بالىياتقۇ بوينى يوغىناش: بالىياتقۇ بوينىدا ئىششىق شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينى يوغىناپ قېلىنلاپ قالىدۇ.
4. بالىياتقۇ بوينى بېزى قاپلىق ئىششىقى: ئۈستۈنكى تېرىلەر ئۆسۈش جەريانىدا بالىياتقۇ بەزلىرىنى يېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن، بەز ئاجرىتىپ شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ رەڭگى ئاقۇش بولۇپ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەندە يىرىڭلىق ئاجرالمىلار سىرتقا چىقىدۇ.
5. بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى ياللۇغى: بالىياتقۇ بوينىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ئىششىق ۋە ياللۇغقا خاس ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى:
ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، رەڭگى سۈترەڭ، شىلىمشىق قويۇق بولىدۇ، بەزىدە يىرىڭلىق قانلىق بولىدۇ. ئاق خۇننىڭ كۆپىيىشى بىلەن بەل-پۇت تېلىش ۋە سىرقىراپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ھەرقېتىملىق ھەيزدە، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئېغىرلىشىدۇ. ئاق خۇن بەزىدە قان ئارىلاش بولىدۇ، تېگىشىش خاراكتېرلىك قاناش بولىدۇ.
1. بىرىنچى دەرىجىدە: شەلۋەرىگەن ئورۇن بالىياتقۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتمىگەن بولىدۇ.
2. ئىككىنچى دەرىجىدە: ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەن ياكى يېرىمىگە يەتكەن بولىدۇ.
3. ئۈچىنچى دەرىجىدە: ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ياللۇغ قايتۇرغۇچى، چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى، گۆش ئۆندۈرگۈچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بۇسلۇق تاماق، قىيمىلىق تاماق، كالا گۆشى، قېتىق ۋە ئالما قاتارلىق تاماق ۋە يېمەكلىكتىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.