سەۋەبى :
كۈپۈنچە ئۆتكۈر خاركتىرلىق داس بوشلىقى ياللۇغۇنى داۋالاشنىڭ دەل ۋاقتىدا ۋەئۇزۇل كىسىل بولماسلىقى ياكى كىسەلنىڭ بەدىنى بەك ئاجىز بولغان ئەھۋالدا، تەبئەت كۇچى كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن. ۋاقىتنى ئۇزارتىۋاتقانلىقتىن بۇلىدۇ. لىكىن بەزى ئەھۋاللاردا ئوتكۇر خاراكتىرلق ياللۇغلىنشلۇق كىسەللىك تارىخى يوقلارمۇ بۇلۇپ قالىدۇ ئۇندىن باشقا خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئى ئوزگىرىشىدىن بۇلۇپمۇ غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بۇلىدۇ.
كىلىنك ئپادىسى :
⑴پۇتۇن بەدەندىكى ياللۇغلىنىش ئپادىلىرى ئىنىق بۇلمايدۇ،بەزى ۋاقىتتا تۇۋەن قىززىتما بۇلىدۇ ھەم كىسەللك ۋاقتى ئۇزىرايدۇ،بەزى بىمارلاردا روھى كەيپىيات سۇسلۇشۇش،پەيدا بۇلىدۇ،مەسىلەن روھى جىددىيلىك ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بۇلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى تۇۋەنلەپ جىددى خاراكتىرلك كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
⑵ئاستا خاراكتىرلىك ياللۇغ كىلىپ چىققاندا داس بوشلىغىغا قان يىغىلىشنى كەلترۇپ چىقىرىپ توۋەنكى قوساق چىڭقىلىش،ئاغىرىش،بەل قىسمى ئېچىشىپ ئاغىرېىش،ئغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلدۇ.بۇئالامەتلەر ھارغاندا جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ۋە ھېيىز كىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۇچىيىدۇ.
⑶ئاستا خاركتىرلىك ياللۇغدا داس بوشلۇقىدا قان ئويۇش بولىدۇ،بىماردا داۋاملىق ھېيىز مىقدارى كوپىيىدۇ. تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى بۇزۇلغاندا ھېيىز قالايمىقانلىشىش تۇخۇم تۇشۇش نيچىسى چاپلىشىپ توسۇلغاندا ھامىلدار بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
بەدەن ئالامەتلىرى:
بالاياتقۇنىڭ شەكلى ئادەتتە كەينى تەرەپكە تومپۇيۇپ چىققان بولىدۇ،پائاليتى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ،ئەگەر تۇربا يولى ياللۇغلانغان بولسا بالياتقۇنىىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپىدە تۇربا يولنىڭ شەكلى شاخچە شەكلىدە قېلىنلايدۇ،يەڭگىل دەرىجىددە ئاغىرىيدۇ.ئەگر تۇربا يولىغا سۇ يىغىلغان ياكى تۇربا يولى تۇخۇمدان ئۆسمىسى بولغاندا داس بوشلۇغىنىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپىدە خالتا شەكىلدىكى مۇنەكچە ماددا ئۇرۇنىدۇ ھەركىتى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ.ئەگەر داس بوشدلۇغىدىكى ئىپتىدىليە توقۇلمىلرى ياللۇغلانغاندا بالياتقۇنىڭ بىر ياكى ئككى تەرىپى پارچە شەكىلدە قېلىنلايدۇ باسقاندا ئاغىرىيدۇبالياتقۇ توۋەنكى تارامۇچلىرى قىلىنلاپ قاتتىقلىشىدۇ .
ئالدىنى ئېلىش :شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىش ،بەدەن چىنىقتۇرۇش،ئۆتكۇر داس بوشلۇقى ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ئۇزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش،بىمارنىڭ كۆڭلدىكى غەم ئەندىشىسىنى تۇگىتىپ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇش لازىم.
پەرھىز:يەلىك غەلىز غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ مەسىلەن لازا،ئاچچىقسۇ،قارا مۇچ،كالا گۆشى قاتارلىقلار ياللۇغ بىر ئاز پەسەيگۇچە تۇخۇم،قوي گۆشىنىمۇ كۆپ ئستىمال قىلماسلىق لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.