مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنى  كۆرۈلىشى: 4262 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

سۆزنەك سۆزنەك باكتېرىيەسى تەرىپىدىن پەيدا بولىدىغان بىرخىل تاناسىل ئەزا كېزەللىكى بولۇپ، ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىق، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا بىر ئادەمدىن ئىككىنچى بىر ئادەمگە يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق بىرقانچە خىل كېسەللىك غەيرىي نورمال جىنسىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىر ئادەمدىن ئىككىنچى بىر ئادەمگە يۇقۇپ تارقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنداق كېسەللىكلەر مۇھەببەتلىشىش كېسەللىكى، نەسىللىنىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك سۆزنەك شارسىمان باكتېرىيەسى تەرىپىدىن كۆرۈلىدۇ ھەمدە مۇشۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان ئادەمنىڭ ئىچ كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ كېيىش، يۇيۇنغاندا سوپۇن-لۆڭگىلەرنى بىللە ئىشلىتىش سەۋەبىدىنمۇ بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

ئالامىتى: سۆزنەك كېسەللىكى يۇققاندىن كېيىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە بىمار توڭلاپ تىتىرەيدۇ، ئەرلەردە سۈيدۈك يولىدىن، ئاياللاردا جىنسىىي يولىدىن سارغۇچ سۇيۇق يىرىڭ كېلىدۇ، ئەرلەر سىيگەندە سۈيدۈك كۆيدۈرۈپ كېلىدۇ، ھەتتا پىچاقتا كەسكەندەك قاتتىق ئاغرىيدۇ، سۈيدۈك يولى ئېغىزى يىرىڭ بىلەن چاپلىشىپ قېلىپ سۈيدۈك چىقالماي بىمار قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى بىلەن جىنسىي يول ئېغىزى يېقىن بولغاچقا 1-2 كۈن ئۆتمەي ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى شەلۋەرەيدۇ. ئىششىيدۇ، سىيگەندە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ، ياللۇغ، بالىياتقۇ بوينى، بالىياتقۇ ئىچىگە قەدەر يامرىغاندا كېسەللىك تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي بەدەن ئالامەتلىرى كۈچىيىدۇ. بىمار ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كېسەللىك ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنى، ھەتتا مەزى بېزىغىچە يامرايدۇ. بىمارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئەتراپى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، بېلى قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئاياللارنىڭ ئىچكى جىنسىي ئەزالىرى ئاغرىش-ئىششىش، ئىچىدىن يىرىڭ كېلىشتەك ئالامەتلەر تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، ئومۇمەن 3-4 ھەپتىدە يىرىڭ تەدرىجىي سۈزۈلۈپ، سەيگەندە ئاغرىش بارغانسېرى ئازىيىدۇ. لېكىن، بۇ كېسەللىكنىڭ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقى ئەمەس، ئەگەر ئارام ئېلىش، مۇۋاپىق داۋالىنىش، پەرھىز مۇۋاپىق بولمىسا كېسەللىك سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئېچىشىشنى پەسەيتكۈچى، ئىششىق تارقاتقۇچى، قان تازىلىغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: يەرلىك شوخلا مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىپ  چاناپ سۇدا قاينىتىلىپ سۈيى ئېلىنىدۇ. 

تەسىرى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئېچىشىشنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە. كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا:  قۇرسى شاھتەررە، كاكىنەچ شەربىتى، شوخلا شەربىتى، قۇرسى كاكىنەچ، قۇرسى تاباشىر، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاكىنەچ قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: زىيادە غىدىقلىغۇچى مۇچ، ئاچچىقسۇ، ياڭيۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي ئالاقىدىن پەرھىز قىلىنىدۇ. سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، لەتىف غىزالار ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.